UyghurMain Dictionary
ئىزەن ئىزنە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز <ئىجازەت>، <رۇخسەت>، <ماقۇللۇق> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ئىسلام دىنىدا قوللىنىدۇ. (1) بۇ سۆز <قۇرئان كەرىم> دە <ئىزنە>، <رۇخسەت> سۆزلىرى بىلەن باغلىنىدۇ (2 - سۈرىنىڭ 255 - ئايىتى، 34 - سۈرىنىڭ 23 - ئايىتىگە قاراڭ). (2) خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدىغان مۇسۇلمانلار بۇ سۆز بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى ۋە بىرەر ئىشنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (3) جۇڭگودىكى ئىسلام مەزھەپلىرى ۋە سۈلۈكلىرىدە ئىمامنىڭ ئاغزاكى بۇيرۇقى ۋە يوليورۇقى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىلشىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىشلىرى (توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، سەپەرگە چىقىش، تۇغماسلىق كېسىلىنى داۋالاش قاتارلىقلار) دىمۇ ئىمامغا مەلۇم قىلىپ، يوليورۇقى (ئىزنىسى) نى ئالغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىشقا بولىدۇ.