UyghurMain Dictionary
ئېزىنخاۋېر
دۇنيا تارىخى
(1890 - 1969)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1953 - 1960). بەش يولتۇزلۇق گېنېرال، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. تېكساس شتاتىدىكى دېنسسوندا تۇغۇلغان، ۋىست پوئىنت ھەربىي مەكتىپىنى، قوماندانلار مەكتىپىنى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى، شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. شىمالىي ئافرىقىدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشى (1942 - يىلى 11 - ئايدا) سىتسىلىيە جېڭى (1943 - يىلى 7 - ئايدا)، ئىتالىيە جېڭى (1943 - يىلى 9 - ئايدا) شۇنىڭدەك نورماندىيە جېڭى (1944 - يىلى 6 - ئايدا) قاتارلىقلارغا قوماندانلىق قىلغان. ئۇرۇشىتن كېيىن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. 1952 - يىلى ھەربىي كەسىپنى تاشلاپ زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە غەلىبە قىلغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە <چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> نى ئىمزالاشقا مەجبور بولغان. لېكىن <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، <كوممۇنىزمنى چەكلەش> نى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەنۇبىي چاۋشيەن، جياڭ جېشى گۇرۇھى بىلەن <ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى> ئىمزالىغان. 1954 - يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەھدى تەشكىلاتىنى قۇرغان. ئوتتۇرا شەرقنى تىزگىنلەش پىلانىنى يەنى <ئېزىنخاۋېرىزم> نى ئوتتۇرغا قويغان، 1958 - يىلى ئەسكەر چىقىرىپ لېۋانغا تاجاۋۇز قىلغان. مەملىكەت ئىچىدە جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىۋاتقان خەلق ھوقوقى ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ھوقۇقى قانۇنىي لايىھىسىنى تۈزۈشكە مەجبور بولغان. ئۇنىڭ <ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا يۈرۈش قىلىش> ناملىق ئەسىرى بار.