UyghurMain Dictionary
ئېسابېل
دۇنيا تارىخى
(1830 - 1904) ئىسپانىيە كورۇلىۋاسى (1833 - 1868). فرناندۇ Ⅶ نىڭ چوڭ قىزى. 1833 - يىلى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن تەختتە ئولتۇرغان. يېشى كىچىك بولغانلىقتىن، ئانىسى مارىيە كرىستىنا ۋە ئېسپارتېرو نائىبلىق قىلغان. 1843 - يىلى نارۋائېس ھەربىي سىياسىي ئۆزگخرىش قىلىپ، ئېسپارتېرونى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ياش - قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئوردىدا سۈيقەست ۋە ھەربىي، سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈزلمەي بولۇپ تۇرغان. 25 يىلدا (1843 - 1868) جەمئىي 34 قېتىم ھۆكۈمەت ئالماشقان. 1868 - يىلى ئىسپانىيىدە ئىنقىلاب بولغاندىن كېيىن، دۆلىتىدىن ئايرىلغان. 1870 - يىلى پارىژدا پادىشاھلىق تەختىنى چوڭ ئوغلى ئالفونسو Ⅶ گە بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.