UyghurMain Dictionary
ئىزچىل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دائىم بىردەك، ئۈزۈپ قويماي، ئۆزگەرتمەي بىر خىللىقنى ساقلاش ھالىتى.
ئۇ ئىزچىل ھالدا ئاددىي - ساددا، كەمتەر ياشاپ كەلدى. بۇ ھەپتىدە بىز سىجىل ئالتە كۈن ئىشلىدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھەمىشە بىر خىل داۋام قىلىدىغان، داۋاملىشىپ كەلگەن، دائىملىق، ئۆزگەرمەس.
بۇ - ئۇنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىزچىل ئادىتى. لېكىن ئۇ بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.
رەۋ. بىر تەخلىتتە، بىر يۆنىلىشتە، بىر خىل رەۋىشتە ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق جايدا بىر خىل، باشتىن - ئاخىر، ئېغىشماي.
ئىزچىل ياخشى: پارتىيە سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.
سۈپ. بىرەر يولدىن ئېغىشماي ماڭىدىغان، دائىم بىردەك.
ئىزچىل ھالدا.
مانجۇ خانلىقى قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا مانجۇ خانغا سادىقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مېھرىبانۇنى بۈگۈن يېڭىساردىن قۇمۇلغا ئەكەلدى.
سۈپ. ئۆزئارا مەنتىقىيلىق باغلىنىشلىقى بولغان، مەلۇم قانۇنىيەت، پرىنسىپلارغا باشتىن - ئاخىر بىردەك ئەمەلىيلەشكەن، باشتىن - ئاخىر بىردەك ھەل قىلىنغان، سىستېمىلىق، مۇنتىزم.
ئىزاھلىق لۇغەتلەردە ئىزاھنىڭ ئىزچىل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.