UyghurMain Dictionary
ئىزچى
شىۋىلەر
ئىز قوغلاشقۇچى. مەسىلەن: پادىشاھ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىزچى، سىنچى، رەمچىلەرنى ئۆز كارامىتنى كۆرسىتىشكە بۇيرۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىزىغا چۈشۈپ، ئىز قوغلاپ تاپقۇچى كىشى ياكى ئىزنى ياخشى بىلىدىغان ھەم شۇ ئارقىلىق بىرەر ۋەقە، ئىشنىڭ يىپ ئۇچىنى تېپىپ ئېنىقلايدىغان رازۋېدچىك.
پادىشاھ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىزچى، سىنچى، رەمچى، قۇرئەندازلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە بۇيرۇپتۇ.
ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى باسقۇچى، ئورنىنى ئىگىلىگۈچى ئادەم؛ ئىزباسار.
- بالىلارغا بېرىلگەن بۇ ئىنقىلابىي تەربىيە، بەك جايىدا بولدى، - دېدى مۇنىرىدىن، شائىر دوستىنىڭ ئىزچى تەربىيىلەش يولىدا كۆرسەتكەن ئەقىل - پاراسىتىدىن مەمنۇن بولۇپ.
تارس. شىڭ شىسەي دەۋرىدىكى <ئىزچىلار> ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇلار بىر خىل كۆك كىيىم كىيىپ، ئالا كالتەك تۇتۇپ ئاممىۋى يىغىنلارغا چىقاتتى.