UyghurMain Dictionary
ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى جەمئىيەتتىكى <ئاددىي پۇقرالار> غا قارىمۇ قارشى سىنىپ. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت بۆلۈنۈشكە باشلىغان مەزگىللەردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان. جاھالەت دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا، مېتال قوراللار (برونزا ۋە تۆمۈر قوراللار) ئىشلىتىلىپ، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورونلىرى ئىلگىرىلىگەنلىكتىن، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت ئىچكى قىسمىدا ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئاددىي خەلق دېگەن ئىككى سىنىپقا ئايرىلغان. ئۇرۇق ئاقساقاللىرى ۋە بەزى ئاتىلىق ھوقۇقتىكى ئۇرۇقلار يەر ۋە چارۋا - مال قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇرۇقنىڭ خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقتىن، مال - مۈلكى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، ھوقۇق ۋە كۈچى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ، ئادەتتىكى ئۇرۇق ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىغا ئايلانغان. مەسىلەن: قەدىمكى رىم خاندانلىقى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن پاترىخ (مەنىسى <ئاتا - بالىلىق>) ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدۇر. ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى كۆپىنچە ئۆز ئىچىدە توي قىلىپ، ھوقۇقنى كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازلىق ئورنىنى قوغدىغان. قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇلار كۆپىنچە سىرت بىلەن ئالاقىلاشمايدىغان، مۇتەئەسسىپ بېكىنىۋېلىش تۈزۈملىرىنى ۋە ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي تۈزۈلمىسىنى پەيدا قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاددىي خەلقلەر بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ بەلگىلەنگەن ياكى يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن قۇلدارلار سىنىپى ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن (مەسىلەن: ئافىنادىكىگە ئوخشاش) ياكى يۇقىرى قاتلامدىك ئاددىي خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ يېڭى ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ قالغان (مەسىلەن: رىمدىكىگە ئوخشاش).