UyghurMain Dictionary
ئۇرۇق تۇغقان
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
«ئۇرۇق - تۇغقان»قان - قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بار.
يات
قان - قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى يوق.
يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە. ياتنىڭ يېنىدىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جېنىدىن. كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسىقى يوق كاڭدىن كات ياخشى. ئۇرۇق - تۇغقان تېپىشار، ياتقا بالا يېپىشار. سالاملاشقاننىڭ ھەممىسى تۇغقان ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۆز ئائىلىسىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق بولغان باشقا ئائىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى.
ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقىمىز بار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئاتا _ بوۋىدىن تارالغان جامائەت، قانداشلىق ياكى نىكاھ سەۋەبىدىن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشلەر.
توغرا ئېيتقان تۇغقىنىغا يارىماس. ئۇرۇق _ تۇغقاننىڭ ئۇرۇشى _ تاۋار _ تورقىنىڭ يىرتىلىشى. گۈلنىڭ پۇرىقى توزۇغۇچە، ئۇرۇق _ تۇغقان ئۆلگۈچە. ئاۋال خىيىش، كېيىن دەرۋىش.