UyghurMain Dictionary
ئۇلىدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇلىدى ~ ھۇلىدى.
بۆرى ئۇلىدى _ بۆرە ھۇلىدى. كېچىسى ئىت قورقۇنچتىن ھۇلىسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ ( ئۇلىر _ ئۇلىماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يازىدا بۆرى ئۇلىسا ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشۇر _ دالىدا بۆرە ھۇلىسا، ئۆيدە (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ) ئىتنىڭ باغرى تارتىشار. بۇ ماقال يېقىن كىشىلەرنى بىر - بىرىگە ياردەم قىلىشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 349