ئۇلى چىڭ[يەشمىسى:] ① ئۇلى مۇستەھكەم، پۇختا سېلىنغان:[مىسال:] بۇ يەر قۇرغاق، ئۆيلەرنىڭ ئۇلى چىڭ، شۇڭا خېلى ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بەرگەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساسى پۇختا (ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە):[مىسال:] ياسىن كىچىكىدىن ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمىگەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىلىمدە ئۇلى چىڭ.