UyghurMain Dictionary
ئۇيقۇلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئۇيقۇ باسقان، ئۇيقۇسىرىغان؛ ئۇيقۇدىكى، ئۇيقۇ ئارىلاش.
- نەگە يوقاپ كەتتىڭىز؟ - دېدى ئايىمخان ئۇيقۇلۇق ئاۋاز بىلەن.
سۈپ. ئۇخلاۋاتقان، ئۇيقۇ ھالىتىدىكى.
ئۇيقۇلۇق ئادەمنى نېمىدەپ ۋارقىراپ ئويغىتىسەن.
ئى. ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى ھالەت، ئۇيقۇ.
ئۇ قۇل بالا مېنىڭ پەرزەنتىم ئىدى، ئۆلۈپ كەتتى. ئەمدى، ئۇيقۇلۇقتا ئېتىپ تاشلاپتىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىگە جايلاشقان، كالا تىلى شەكلىدىكى بىر خىل بەز. ئۇ ھەزىم قىلىشقا ياردەملىشىدىغان ئۇيقۇلۇق سۇيۇقلۇقى شۇنىڭدەك قەنتنىڭ ئالمىشىشىنى تەڭشەيدىغان ئىنسۇلىننى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.