UyghurMain Dictionary
ئۇيقۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
فېرىئولوگىك ھادىسە، چوڭ مېڭە قاتلىمىنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بېسىلىشىدىن ۋاقتى - ۋاقتىدا سادىر بولىدۇ، بۇ چاغدا ئاڭ ھەرىكىتى بولمايدۇ.
<غەپلەت> پۈتۈنلەي تۇيماسلىق ھالىتى.
ئۇيقۇ ئۇزۇن بولسا، ئۆمۈر قىسقا بولىدۇ. پۇل كۆپەيسە، ئۇيقۇ ئازىيىدۇ. غەم باسسا غەپلەتمۇ باسىدۇ. تايانچىم بولۇپ شۇ ئىلمىي ھېكمەتتىن، ئالەمنى ئويغىتاي ئۇيقۇ - غەپلەتتىن.
بىئولوگىيە
ئۇيقۇ، ئويغاقلىققا قارىمۇ قارشى بولغان فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، ئويغاقلىق بىلەن دەۋرى ھالدا نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ، ئادەم ھاياتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتى ئۇيقۇ ھالىتىدە ئۆتىدۇ، ئۇيقۇ چارچاشنى يوقىتىپ مېڭىنىڭ فۇنكسىيىسى ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇيقۇ مۇھىم بىر فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، ئورگانىزمنى قوغداش رولىغا ئىگە. ئۇيقۇ ۋاقتىدا ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما دولقۇنىدا ئىككى خىل ۋاقىت فازىسى، يەنى ئاستا دولقۇنلۇق ۋاقىت فازىسى ۋە تېز دولقۇنلۇق ۋاقىت فازىسى كۆرۈلىدۇ. ماس بولغان ئۇيقۇ ھالىتى ئاستا دولقۇنلۇق ئۇيقۇ ۋە غەيرىي فازىلىق ئۇيقۇ دېيىلىدۇ. ئاستا دولقۇنلۇق ئۇيقۇ بىلەن غەيرىي فازىلىق ئۇيقۇ بىر كېچە ئىچىدە ئۆزئارا بىر - بىرىگە ئۆزگىرىپ نۆۋەتلىشىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلەلەيدۇ. ئالدى بىلەن كۆرۈلىدىغىنى قىسقا دولقۇنلۇق ئۇيقۇ ۋاقىت فازىسى بولۇپ، ئۇيقۇ ۋاقتىدىكى ئاساسلىق ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئورگانىزمنىڭ ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرى سەل - پەل ئاجىزلىشىدۇ، سەزگۈ فۇنكسىيىسى تۆۋەنلەيدۇ، ئاڭ سېزىمى تەدرىجىي يوقىلىدۇ؛ ئىسكىلىت مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىيلىكى تۆۋەنلەيدۇ؛ يۈرەكنىڭ سوقۇشى ۋە نەپەسلىنىشى ئاستىلاپ قان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ، كۆز قارىچۇقى كىچىكلەيدۇ، مېتابولىزم ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ ۋە باشقىلار. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما دولقۇنىدا تېز دولقۇنلۇق ئۇيقۇ ۋاقىت فازىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا ھەر خىل سەزگۈ فۇنكسىيىلىرى بىر قەدەر ئىلگىرىلەپ ئاجىزلىشىپ، ئويغىنىش تەسلىشىدۇ. بەزىدە يەنە كۆز ئالمىسى تېز ھەرىكەتلىنىش ۋە بەدەننىڭ بىر قىسمى تارتىشىش ھەم چۈش كۆرۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. يېتىلگەن ئادەمنىڭ غەيرىي فازىلىق ئۇيقۇسى ئۇيقۇ مەزگىلىنىڭ ئاران 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيقۇنىڭ ھاسىل بولۇش مېخانىزمى ئادەتتە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاكتىپ جەريانى دەپ تونۇلىدۇ. پاۋلوۋ شەرتلىك رېفلېكس تەتقىقاتىغا ئاساسەن ئۇيقۇ دېگىنىمىز تورمۇزلىنىش جەريانى دېگەن چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تورمۇزلىنىش چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە كەڭ تارقالسا ھەمدە پوستلاق قەۋەت ئاستىنقى مەركەزلىرىگىچە تارقالسا ئۇيقۇ مەيدانغا كېلىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇيقۇ تورمۇزلىشى دەپ ئاتىغان. يەنە بەزىلەر مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا ئۇيقۇغا مۇناسىۋەتلىك مەركىزىي نېرۋا تۈزۈلۈشى بار، مېڭە غولىنىڭ قۇيرۇق تەرىپى ئۇيقۇنىڭ ھاسىل بولۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇيقۇنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تەسىر قىلىدىغان نېرۋا ترانسمىتتېرى ئاساسەن 5 - ھىدروكسى تروپتامىن ۋە نون ئادرېنالىن دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ مەسىلە ھازىرچە تېخى ئېنىق ئايدىڭلاشمىغان بولۇپ، يەنە داۋاملىق تەتقىق قىلىنماقتا.
پسىخولوگىيە
بۇ چوڭ مېڭە ئىككى يېرىم شارىنىڭ پۈتۈن پوستلاق قىسمى ۋە ئەڭ يېقىن پوستلاق ئاستى قىسىملىرىغىچە كېڭەيگەن تورمۇزلىنىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل تورمۇزلىنىش يېيىلىشچان تورمۇزلىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ يېيىلىشچان تورمۇزلىنىش ئىگىلىمىگەن قىسمى «پوستلاقنىڭ ھۇشيار نوقتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تورمۇزلىنىش جەريانى چوڭ مېڭە پوستلىقىغا تارتىپ، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىلىرىغىچە يېتىپ بارىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، ئۇ جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.
بەزى ھاشارات ۋە ئۆسۈملۈك، دەل - دەرەخلەرنىڭ قىشلىق ئۈچەك ھالىتى.
قىشلىق ئۇيقۇ.
كۆچمە. ھەرىكەت ۋە شاۋقۇن - سۈرەن بولمىغان جىمجىت ھالەت.
بۇ چاغدا شەھەر ئۇيقۇدا ئىدى.