UyghurMain Dictionary
ئۈچ مۇھەممەد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنى تارىخىدا شىئە مەزھىپىدىكى <مۇھەممەد> ئىسملىك ئۈچ ئۆلىمانىڭ ئاتىلىشى. (1) شىئە مەزھىپى تۆت ھەدىس شېرىپنى توپلىغان دەۋردىكى مۇھەممەد كۇلەينى، مۇھەممەد بىننى بابۇيە، مۇھەممەد تۇسىدىن ئىبارەت ئۈچ نەپەر مۇددەرىس كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (2) ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىئە مەزھىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەدىسكە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ مۇھىم ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد بىننى مولتاد، مۇھەممەد ھۇر ئەمىر، مۇھەممەد باقىر مەجلىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.