UyghurMain Dictionary
ئۈچ لىنىيىلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش
بىئولوگىيە
بۇ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشنىڭ بىرخىل يېڭى جەريانى. دۆلىتىمىزنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلغان شېلى ئۈچ لىنىيىلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدا يېتىلمەيدىغان ئۇرۇق ئۆستۈرۈش يەنى ئاتىلىقى يېتىلمەيدىغان لىنىيە ئارقىلىق، شالغۇتلاشتۇرۇلىدىغان ئانىلىق تۈپىنىڭ ئاتىلىق گۈل چېڭىنىڭ يېتىلىشچانلىقىنى يوقىتىپ شالنىڭ ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىش خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چەتتىن چاڭلىنىدىغان زىرائەتلەرگە ئوخشاش قوشنا ئاتىلىق، ئانىلىق تۈپلەر ئەركىن چاڭلىشىپ مېۋە تۇتىدۇ، بۇ ئۈچ لىنىيە ئاتىلىقى يېتىلمەيدىغان لىنىيە، ساقلىنىدىغان لىنىيە ۋە ئەسلىگە كېلىدىغان لېنىيىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى؛ يېتىلمەيدىغان لىنىيىنىڭ ئاتىلىق گۈلى نورمال يېتىلمەيدۇ، خالتا كىيدۈرۈلگەن ياكى ئايرىۋېتىلگەن شارائىتتا ئۆز گۈلىدىن چېتىشىپ مېۋە بەرمەيدۇ؛ ئانىلىقى نورمال بولۇپ ئۇرۇقلىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ، پەقەت سىرتتىن كەلگەن نورمال گۈل چېڭىنى قوبۇل قىلىپ ئۇرۇقلىنىپ مېۋە بېرىدۇ. ساقلىنىدىغان لىنىيە يېتىلمەيدىغان لىنىيىنىڭ يېتىشمەسلىك خۇسۇسىيىتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلاپ قالىدۇ، يەنى ساقلىنىدىغان لىنىيىنىڭ گۈل چېڭىنى يېتىلمەيدىغان لىنىيىنىڭ ئانىلىق ئاغزى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان ئەۋلاد يەنىلا يېتىلمەيدىغان لىنىيە بولىدۇ. ساقلىنىدىغان لىنىيە ساپ لىنىيە بولۇپ، تۈركۈمى رەتلىك، چاڭدېنى تەرەققىي قىلغان، گۈل چېڭى كۆپ، ئۆزىدىن چېتىشىپ مېۋە بېرىشى نورمال بولىدۇ، ساقلىنىدىغان لىنىيە بىلەن يېتىلمەيدىغان لىنىيە ئوخشاش تېىپلىق ئاكا - سىڭىل لىنىيە بولۇپ، يېتىلىش خۇسۇسىيىتىدىن باشقا، ئاساسلىق ئالامەتلىرى ئومۇمەن ئوخشايدۇ. ئەسلىگە قايتىدىغان لىنىيە يېتىلمەيدىغان لىنىيىنىڭ شالغۇت 1F نى تامامەن نورمال ھالەتكە قايتۇرىدۇ. ئەسلىگە قايتىدىغان لىنىيىنىڭ دېھقانچىلىق ئالامىتى بىلەن ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى بىردەك بولۇشى، ھاسىل قىلىنغان شالغۇتتا ئايرىلىش ھادىسىسى كۆرۈلمەسلىكى لازىم. ئۈچ لىنىيىدە يېتىلمەيدىغان لىنىيە ئۈچ لىنىيىنىڭ ئاساسى. يېتىلمەيدىغان لىنىيە بىلەن ساقلىنىدىغان لىنىيىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىلمەيدىغان لىنىيىگە ئېرىشكىلى، يېتىلمەيدىغان لىنىيە بىلەن ئەسلىگە قايتىدىغان لىنىيىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ شالغۇت ئۇرۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.