UyghurMain Dictionary
ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ نام ئېلىش
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ سىللا دەۋرىدىكى ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى. سىللا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، مىلادى 682 - يىلى (شېنۋېن ۋاڭنىڭ 2 - يىلى) مەركەزدە خانلىق بىلىم يۇرتى تەسىس قىلغان. 474 - يىلى (جىندې ۋاڭنىڭ 3 - يىلى) كەسىپلەر بويىچە دوكتور، ئاسسېنت ئۇنۋانىنى تەسىس قىلىپ، 15 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان. ئاقسۆڭەك بالىلىرىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىپ، كۇڭزىچىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇتۇپ، ئەمەلدارلارنى يېتىشتۈرگەن، ئوقۇش ۋاقتى توققۇز يىل بولغان. 788 - يىلى (يۇەنشېن ۋاڭنىڭ 4 - يىلى) دىن باشلاپ ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ نام ئېلىش تەسىس قىلىنىپ، كۇڭزىچىلار كىتابلىرى ۋە خەنزۇچىدىن ئىمتىھان ئېلىنغان شۇنداقلا <ئەمىنىيە، زوچيۇمىنىڭ تەپسىرى>، <يوسۇننامە>، <تاللانمىلار> نى ئوقۇغان ھەم ئۇنىڭ مەنىسىنى پىششىق بىلىدىغان شۇنداقلا <مۇھاكىمە ۋە بايان>، <ۋاپانامە>نى چۈشىنىدىغانلار ئەلا بولىدۇ؛ <ئىنچىكە رەسىم - قائىدىلىرى>، <مۇھاكىمە ۋە بايان>، <ۋاپانامە> نى ئوقۇغانلار ئوتتۇرا ھاللار بولىدۇ؛ <ئىنچىكە رەسىم - قائىدىلەر>، <ۋاپانامە> نى ئوقۇغانلار ناچار بولىدۇ؛ بەش دەستۇر، ئۈچ تارىخ، چىن - خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈرلۈك ئېقىمدىكىلەرنىڭ كىتابلىرىنى پىششىق ئوقۇغانلار ئۆستۈرۈلۈپ ئىشقا قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.