Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ نام ئېلىش
دۇنيا تارىخى
读书三品出身科
dú shū sān pǐn chū shēn kē
چاۋشيەننىڭ سىللا دەۋرىدىكى ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى. سىللا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، مىلادى 682 - يىلى (شېنۋېن ۋاڭنىڭ 2 - يىلى) مەركەزدە خانلىق بىلىم يۇرتى تەسىس قىلغان. 474 - يىلى (جىندې ۋاڭنىڭ 3 - يىلى) كەسىپلەر بويىچە دوكتور، ئاسسېنت ئۇنۋانىنى تەسىس قىلىپ، 15 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان. ئاقسۆڭەك بالىلىرىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىپ، كۇڭزىچىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇتۇپ، ئەمەلدارلارنى يېتىشتۈرگەن، ئوقۇش ۋاقتى توققۇز يىل بولغان. 788 - يىلى (يۇەنشېن ۋاڭنىڭ 4 - يىلى) دىن باشلاپ ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ نام ئېلىش تەسىس قىلىنىپ، كۇڭزىچىلار كىتابلىرى ۋە خەنزۇچىدىن ئىمتىھان ئېلىنغان شۇنداقلا <ئەمىنىيە، زوچيۇمىنىڭ تەپسىرى>، <يوسۇننامە>، <تاللانمىلار> نى ئوقۇغان ھەم ئۇنىڭ مەنىسىنى پىششىق بىلىدىغان شۇنداقلا <مۇھاكىمە ۋە بايان>، <ۋاپانامە>نى چۈشىنىدىغانلار ئەلا بولىدۇ؛ <ئىنچىكە رەسىم - قائىدىلىرى>، <مۇھاكىمە ۋە بايان>، <ۋاپانامە> نى ئوقۇغانلار ئوتتۇرا ھاللار بولىدۇ؛ <ئىنچىكە رەسىم - قائىدىلەر>، <ۋاپانامە> نى ئوقۇغانلار ناچار بولىدۇ؛ بەش دەستۇر، ئۈچ تارىخ، چىن - خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈرلۈك ئېقىمدىكىلەرنىڭ كىتابلىرىنى پىششىق ئوقۇغانلار ئۆستۈرۈلۈپ ئىشقا قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن