UyghurMain Dictionary
ئىتتىپاقلاشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەقسەتتە بىرلەشمەك.
چۈمۈلە بىرلەشسە ئىتتىپاقلىشىپ، ئارسلان تېرىسىنى ئالىدۇ شىلىپ. گەر ئىش ئەقلۇتەدبىر بىلەن بولسا ھەل، ئەپلەشكىن ياۋ بىەلن، جەڭدىن بۇ ئەۋزەل. يامانلىقتىن يىراق - يىراق بول، ئاقىل بول، ياخشىلىق بىلەن ئىناق بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىتتىپاق، ئىناق بولغان ھالەتكە كەلمەك؛ ئىتتىپاق بولماق، بىرلەشمەك، ئۇيۇشماق.
شۇندىن كېيىن ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلاشتى.