UyghurMain Dictionary
ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر
دۇنيا تارىخى
(1) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ۋە ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يادرو قىلىنغان، ئانتانتا دۆلەتلەرگە قارىمۇ قارشى بولغان يەنە بىر جاھانگىرلىك گۇرۇھى. گېرمانىيە - ئاۋسترىيە ئىتتىپاقى 1879 - يىلدىلا شەكىللەنگەن بولۇپ، فرانسىيە بىلەن تۇنىسىنى جىددىي تالىشىۋاتقان ئىتالىيىمۇ 1882 - يىلى قاتنىشىپ، ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن. بۇنىڭ تىغ ئۇچى فرانسىيىگە قارىتىلغان، ئىتالىيە دەسلىپىدىلا ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. 1887، 1891، 1902 - ۋە 1912 - يىللىرى ئۈچ دۆلەت 1882 - يىلدىكى ئىتتىپاقداشلار شەرتنامىسىنى كۆپ قېتىم قايتا تۈزۈشكەن؛ بۇ ئارىلىقتا ئىتالىيە بارا - بارا فرانسىيە بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، بىتەرەپلىكنى جاكارلىغان ھەمدە 1915 - يىلى ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتناشقان. تۈركىيە، بۇلغارىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1914 - يىلى 10 - ئاي ۋە 1915 - يىلى 10 - ئايدا ئىتتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قاتناشقان. 1918 - يىلى كۈزدە، بۇلغارىيە، تۈركىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، گېرمانىيە سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبور بولۇپ، <كومپېن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> ئىمزالىنىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈزۈل - كېسىل پارچىلىنىپ كەتكەن. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئوق مەركىزىي دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر، ئالايلۇق، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر.