UyghurMain Dictionary
ئىستەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىچكى سېزىم.
ئارزۇدا ئەيىب يوق. ئارزۇنىڭ چېكى يوق. ئارزۇ _ ئىدىيىنىڭ ئاتىسى. ئارزۇدىن تۇلپار تۇغۇلسا. دىۋانە پىيادە ماڭماس ئىدى. تىلەك بولسا، بىلەك تالماس. ئالىي ئىستەك _ بۈيۈك دۆلەت. ئۈمىد ئۆمۈر تىرىكى. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار. ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. رىجا كۈچ بېغىشلايدۇ. ئاساسىسز ئارمان ھەقىقىي غايىنى بىتىچىت قىلار. ئارمىنى يوق ئازار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىستەك، ئىشتىياق.
ئىستەك قوپتى _ ئىستەك قوپتى، ئىشتىياق تۇغۇلدى.
1 - 162
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىدە بىرەر نەرسىگە بولغان ئىنتىلىش؛ تىلەك، خاھىش.
نىجاتنىڭ كۆڭلىدە چايخانىغا كىرىش ئىستىكى تۇغۇلدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئارزۇ - ئارمان، ئىستەك، تىلەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئارزۇ-ئارمان، ئىستەك، تىلەك.