UyghurMain Dictionary
ئىستەدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىستىدى.
بۇ سۆز « ئىرتەدى» گە ئوخشاش ( ئىستەر _ ئىستەمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
يىغلاپ ئۇزۇ ئارتادىم
باغرىم باشىن قارتادىم
قاچمىش قۇتۇغ ئىرتەدىم
ياغمۇر كۈنى قان ساچار
{كەينىدىن يىغلاپ ئادىدىم،
باغرىم يارىسىنى تاتلىدىم،
قاچقان بەختنى ئىزلىدىم،
(كۆزۈم) يامغۇردەك قان چاچار.}
سۆيگىنىمنىڭ كەينىدىن يىغلاپ ئادا بولدۇم، پۈتۈپ بولغان باغرىم يارىسىنى يېڭىباشتىن تاتلاپ ئېچىۋەتتىم، قاچقان بەختنى ئىزلىدىم، كۆزۈمدىن يامغۇردەك قانلىق ياش قۇيۇلدى.
1 - 359