UyghurMain Dictionary
ئىسسىق ئۆتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسسىق ئاپتاپتا ئۇزاق تۇرۇشتىن ياكى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، شامال ئۆتۈشمەيدىغان ئۆيدە تۇرۇشتىن كېسەل بولماق.
ئىسسىق ئۆتمىسۇن دېسەڭ، ئىسسىق چاي ئىچ. يازا بالىغا ئاپتاپ ئۆتۈشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسسىغانلىقىنى ھېس قىلماق، ئىسسىماق.
نېمىشقىدۇر دۇرنەمگە ئىسسىق ئۆتكەندەك ئەمەس ئىدى.
ھەددىدىن زىيادە، ئىسسىقتا يۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئىسسىق چېقىۋەتمەك، ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى تۈپەيلى كەيپىياتىدا بىر قىسمىلىق ھېس قىلماق.
ئۇ ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.
سېغىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولماق، مۇھەببەت ئورنىماق.
ئۇ چاغلاردا كېچىسى ئايدىڭدا ناخشا ئېيتىپ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى بىر - بىرىگە يەتكۈزۈش ئادىتى بار ئىدى. يېڭىچە ئېيتقاندا <مۇھەببەت>، كونىچە ئېيتقاندا <ئۆزئارا ئىسسىق ئۆتۈپ قاپتۇ> دېگىنىمىز شۇ بولسا كېرەك.