UyghurMain Dictionary
ئىسسىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«ئىسسى» غا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق» قوشۇلغان).
1. ھارارەت نورمال ھالەتتىن يۇقىرى، ھارارەتنى ساقلىغان.
ئىسسىق سۇ. * ئىسسىق نان. * ئىسسىق ئاش. * ئىسسىق چاپان. * ئىللىق ئۆيۈم - ئىسسىق ئۆيۈم (ماقال).
2. ئىللىق، يېقىملىق. ئىسسىق چىراي، ئىسسىق مۇئامىلە. * ئېشىڭ ئىسسىق بولمىسىمۇ، چىرايىڭ ئىسسىق بولسۇن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تىبابەتچىلىكتە مىجەز، تەبىئەتنىڭ، دورىنىڭ خۇسۇسىيىتى.
بەزى زۇكاملار ئىسسىق. * چاي دورىسى ئىسسىق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم. .
(«ئىسسىق 1 - 2»<) تېمپېراتۇرا.
بۈگۈن كۈن ئىسسىق بولدى. * كېسەلنىڭ ئىسسىقى خېلىلا بار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھارارىتى بەلگىلىك گرادۇستىن يۇقىرى.
سوغۇق(سوغ)
ھارارىتى بەلگىلىك گرادۇستىن تۆۋەن.
ئىسسىت ئۆيۈم - ئىسسىق ئۆيۈم. سۆيمىگەن يارنىڭ لېۋى سوغۇق. ئەركىگە ئاي ئىسسىق، كۈن سوغۇق. سوغۇقتىن قوغدىغان كىيىم ئىسسىقتىنمۇ قوغدايدۇ. تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق. قىزىق تونۇرغا تۇترۇق كەتمەس. ئىسسىق سۇ بىر ۋاقتىدا سوغۇق بولغانلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىقى بار ئوچاق ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر مەنبەنىڭ ھارارىتى، تەسىرى بىلەن ئىسسىغان، ئىللىغان ياكى قىزىغان؛ ئىللىق، قىزىق.
ئىسسىق سۇ. ئىسىسق چاي. ئىسسىق نان. ئىسسىق تاماق.
ئادەمنىڭ يۈزى ئاپتاپتىن ئىسسىق (ماقال).
سۈپ. ئىسسىقلىقنى ساقلايدىغان، ئىسسىق تۇتىدىغان.
ئىسسىق كىيىم.
ئى. ئىسسىق تۇرغان، ئىسسىقى كەتمىگەن.
مەن پۈتۈن بىر كۈن ئىسسىق ئىچمىدىم، ئاغزىمغا بىر بۇردا نان سالمىدىم.
ئى <فىز> جىسىم تەركىبىدىكى مولېكۇلىلار ھەرىكىتى (يېنىش، خىمىيىۋى رېئاكسىيە ۋە شۇنىڭدەكلەر) نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان ۋە جىسىملارنى ئىسسىتىدىغان، قىزدۇرىدىغان ئېنېرگىيە، ئىسسىقلىق، ھارارەت.
ئوتنىڭ ئىسسىقى. قۇياشنىڭ ئىسسىقى. ماتورنىڭ ئىسسىقى.
رەۋ. ئىللىق ئۆتكۈزۈپ، ئىللىق ئۆتكۈزگەن ھالدا.
- ئاپىرىپ ئىسسىق ياتقۇزۇپ قويۇڭلار، بىر ئاز ئاۋارە بولىدۇ، يىغلايدۇ، ئاندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ، - دېدى دوختۇر.
سۈپ <تېب> ھارارەت ھاسىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، مۆتىدىلدىن يۇقىرى بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە.
بۇ دورىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق.
رەۋ. قىزغىن، سەمىمىي ھالدا.
ئۇ ئىلىكنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرىدۇ، ئىلىك ئۇنى ئىسسىق قارشى ئالىدۇ. ئەمدى يامانلارغا ئالدانماسلىقنى جېكىلەيدۇ.
سۈپ. كۆچمە. كىشىگە ياقىدىغان، خۇش، يېقىملىق، ئىللىق؛ مۇلايىم.
ئىسسىق چىراي قىز. مېھرى ئىسسىق بالا ... ئىسسىق كۆرۈنمەك.