Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىسپانىيىدىكى 1854 - 1856 - يىللاردىكى ئىنقىلاب
دۇنيا تارىخى
西班牙一八五四至一八五六年革命
xī bān yá yī bā wǔ sì zhì yī bā wǔ liù nián gé mìng
ئىسپانىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1843 - يىلىدىكى يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تىرىلىش ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ كەڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1854 - يىلى 6 - ئايدا پايتەختتە تۇرۇشلۇق ئارمىيە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، 7 - ئايدا خىتابنامە ئېلان قىلىپ، پارلامېنت چاقىرىپ، باج - سېلىقنى ئازايتىپ، يەرلىك ئاپتونومىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە خەلق ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. چوڭ شەھەرلەردە ئارقا - ئارقىدىن ئىنقىلابىي ھوندالارقۇرۇلۇپ، كۈرەشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى شەكىللەنگەن. كورۇلىۋا ئىسابېل Ⅱ ئېسپارتېرونى باش ۋەزىر قىلىشقا مەجبور بوغلان. 11 - ئايدا، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مادرىدتا چاقىرىلىپ، ئىككىنچى يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغان ھەمدە چېركاۋلارنىڭ بارلىق يەر مۈلكىنى سېتىۋېتىش توغرىسىدا پەرمان ئېلان قىلىنغان. 1856 - يىلى ئەتىيازدا ۋە يازدا ئاندالوسىيە، ئېستىرېمادۇرا، ۋاللادولىد دېھقانلىرى ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئودوننېل ئېسپارتېرونىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولغان. ئۇ خەلق قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ، خەلق ئارمىيىسى ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىپ، 1845 - يىلىدىكى كونسېرۋاتىپ ئاساسىي قانۇن ۋە ئىنقىلابتىن ئىلگىرىكى باشقا قانۇنلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.