Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىسپانىيىدىكى 1820 - 1823 - يىللاردىكى ئىنقىلاب
دۇنيا تارىخى
西班牙一八二零至一八二三年革命
xī bān yá yī bā èr líng zhì yī bā èr sān nián gé mìng
Ⅶ ئىسپانىيەنىڭ فېئودالىزمغا قارشى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1814 - يىلى فېرناندو Ⅶ تىرىلگەندىن كېيىن، <1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن> نى ۋە گادىس پارلامېنتىنىڭ بارلىق ئىسلاھات پەرمانلىرىنى بىكار قىلىپ، مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى تەبىقىدىكى خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1820 - يىلى 1 ـ ئايدا رىئېگو قوزغىلىڭى پارتلاپ، مەملىكەت بويىچە ئىنقىلابنىڭ يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. 3 ـ ئايدا فېرناندو Ⅶ <1812 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن> نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان ھەمدە چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۆتىدىلچى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە تەيىنلىگەن، 7 - ئايدا مۆتىدىلچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پارلامېنت يىغىنى ئېچىلىپ، كېيىن فېئوداللىققا قارشى بىر قاتار ئىسلاھات پەرمانلىرى ماقۇللانغان. لېكىن فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىگە چېقىلمىغان. 1822 - يىلى 8 - ئايدا، ھاكىمىيەت ئوتتۇرا ۋە كىچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رادىكاللارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن، لېكىن رادىكاللار ھۆكۈمىتىمۇ يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارمىغان. 1823 - يىلى 4 - ئايدا، فرانسىيە قوشۇنى مۇقەددەس ئىتتىپاق شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئىسپانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئىنقىلابنى باستۇرغان، 5 - ئايدا مادرىدقا بېسىپ كىرىپ، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. فېرناندو Ⅶ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىنقىلاب مەزگىلىدە جاكارلانغان بارلىق ئەمىر - پەرمانلارنى بىكار قىلغان.