UyghurMain Dictionary
ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندىكى دىنىي - سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، 1942 - يىلى لاھۇردا قۇرۇلدى. بۇنى سابىر ئەھمەد ئوسمانى (1885 - 1949) قۇردى. دەسلەپ بۇ تەشكىلات ھىندىستاندىكى ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن پاكىستان ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان ئاز سانلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپتى. سىياسىي جەھەتتە، پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ پروگراممىسىنى قوللىدى. پاكىستان قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1956 - يىلى مۇلتاندا قۇرۇلتاي ئېچىپ، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىشنى قارار قىلدى. دۆلەتنى دىندىن خالىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى، شەرىئەت بىلەن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ، <ئىسمى جىسمىغا لايىق> ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 1958 - يىلى ھەربىيلەر ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، باشقا سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. كېيىن سىياسىي خاراكتېردە بولمىغان تەشكىلات - <ئۆلىمالىق تۈزۈمى> قۇرۇلدى. ئىچكى جەھەتتە قاتتىق ئىنتىزامى بولمىدى، تەشكىلىي پروگراممىنى ئېتىراپ قىلغانلىكى ئادەم قاتناشسا بولىدىغان بولدى