UyghurMain Dictionary
ئىسلام پۇل مۇئامىلە باش ئورگىنى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خەلقئارالىق ئىسلام پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى مەبلەغ سالغان شىركەتلەر 1981 - يىلى 2 - ئايدا بۇ تەشكىلاتنى قۇردى. باش ئورگىنى شۋېيتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە. ساپ مەبلىغى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ئون مليون پاي چېكى بار. بۇلارنى شۆبە شىركەتلەر باشقۇرىدۇ. مەقسىتى: شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ مەبلەغ توپلاشتىن ئىبارەت. ئاساسىي نىشانى: (1) مۇسۇلمانلارنىڭ جازانە تۆلەشكە ئۇچرىماي، پۇل مۇئامىلە سودىسى قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى زامانىۋىلاشقان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ (2) ھەممە ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەبلەغ توپلىشىغا ۋە ئىلگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ (3) ئىسلام ۋە باشقا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئىقتىسادىي مۇمامىلىسىنى ۋە قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. يۇقىرىقى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسىدا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆسۈمگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.