UyghurMain Dictionary
ئىسلام مۇددەرىسلەر بىرلەشمىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيىدىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، 1926 - يىلى 12 - ئايدا سۇرابايادا قۇرۇلدى. دەسلەپ دىنىي تەشكىلات بولۇپ، كېيىن سىياسىي پارتىيىگە ئۆزگەردى. 1945 - يىلى <ماسيۇم> پارتىيىسىگە ئالاھىدە ئەزا بولۇپ قاتناشتى. 1949 - يىلى ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقتى. 1955 - يىلى ھىندونېزىيىدىكى ئومۇمىي سايلامدا ھىندونېزىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيە (ماسيۇم پارتىيىسى، ئىسلام مۇددەرىسلەر بىرلەشمىسى، خەلق پارتىيىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە) نىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىرلەشمىنى رەھبىرى بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئىچكى كابېنتتا دىنىي مىنىستىر بولدى. 1959 - يىلى 7 - ئايدا ماسيۇم پارتىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ قالدى. 1973 - يىلى 1 - ئايدا ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار پارتىيىسى، ھىندونېزىيە ئىسلام ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە پېرتى پارتىيىسى بىلەن <گۈللەندۈرۈش - ئىتتىپاقلىق پارتىيىسى> بولۇپ بىرلەشتى. ھازىر ئاممىۋى تەشكىلات نامى بىلەن مەۋجۇت. ئۇلاردىكى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ نامى ئەنسور ياشلار ئىتتىپاقى.