UyghurMain Dictionary
ئىسلام ھەمكارلىق فوندى جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خەلقئارالىق ئىسلام فوندى تەشكىلاتى بولۇپ، 1974 - يىلى 2 - ئايدا قۇرۇلدى. ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا مەنسۇپ. نىشانى ئىسلامىيەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىسلامىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى، ئىسلام دىنىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. فوند ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇچرايدىغان ئىجتمائىي قىيىنچىلىق، كرىزىس ۋە ئاپەتلەرگە ئىشلىتىلىپ، شۇلارغا ماددىي ياردەم بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، دىن سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ؛ مەسچىت، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار سېلىپ بېرىلىدۇ. فوند باي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى ئىئانىدىن كېلىدۇ. 1977 - 1998 - يىللىق خام چوت 165 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، مۇقىم ئىئانە فوندى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىئانە توپلاش پائالىيىتى، پوچتا ماركىسى تارقىتىش، بازارنى ئېچىۋېتىش، ھەر خىل مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يوللار بىلەن فوند تەييارلايدۇ. ئىئانە مەبلىغىنىڭ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېشىپ بېرىشىنى، يىللىق خام چوتنىڭ 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېشىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.