UyghurMain Dictionary
ئىشلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىش بىلەن مەشغۇل بولماق، ۋاقىتنى ئىش بىلەن ئۆتكۈزمەك، ئەمگەك قىلماق، مېھنەت قىلماق.
زاۋۇتتا ئىشلىمەك. كۆمۈر كېنىدا ئىشلىمەك. ئېتىزدا ئىشلىمەك.
بوي ئىشلىمەس، قول ئىشلەر (ماقال).
بىرەر خىزمەتنى ئۆتىمەك، خىزمەت قىلماق، ئادا قىلماق، بېجىرمەك ياكى مۇلازىمەت قىلماق.
گۈلجەننەت مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ.
بىرەر ئىشنى، ۋەزىپىنى ھۆددىگە ئالغان ئاساستا ئىش قىلماق.
مەن كېيىنچىرەك مەدەنىيەت - مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدىم.
بىرەر نەرسە ياسىماق، ياساپ چىقارماق، ھازىرلىماق.
قەغەز ئىشلىمەك. توڭلاتقۇ ئىشلىمەك.
بىرەر نەرسىنى، ئىشنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرمەك، ئىجاد قىلماق، ياراتماق، ۋۇجۇدقا چىقارماق.
فىلىم ئىشلىمەك.
چاپلىن ئۆزىنىڭ بۇ خاس ئۇسلۇبى بىلەن 1915 - يىلدىن باشلاپ ئوتتۇز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە قىرىق نەچچە كىنو ئىشلىدى.
قىلماق، تىكمەك.
كۆڭلەككە كەشتە ئىشلىمەك.
ھەرىكەتتە بولماق، رولى بولماق، كارغا كەلمەك.
بۇ ماشىنا ھازىرمۇ ئىشلەيدۇ.
ئۆز فۇنكسىيىسىنى، رولىنى، ئىقتىدارىنى، ۋەزىپىسىنى نورمال جارى قىلماق، ئەسلىدىكى خىزمەت ئىقتىدارىنى ساقلىماق.
كاللىسى ئىشلىمەك.
ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى ئىشلىمەيدۇ.
ئەسقاتماق، كارغا كەلمەك، رولى بولماق.
سېنىڭ ھۈنىرىڭ بۇ يەردە ئىشلىمەيدۇ.
ھازىر داۋالاش كىنىشكىسى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالدى.
بىرەر ئىش، مەسىلە قاتارلىقلارنى ھازىرلىماق، تەييارلىماق، بېجىرمەك.
تاپشۇرۇق ئىشلىمەك. لايىھە ئىشلىمەك.
بۇ ئوقۇغۇچى بېرىلگەن مەسىلىنى دوسكىغا ئىشلىدى.