UyghurMain Dictionary
ئىشلەمچىلەر تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدىكى يېڭىلىقتىن بۇرۇنقى بىر خىل ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخرىلىرىدا، ياپونىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىدا نۇرغۇن قۇللار بولغان. چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ئۇلارنى ئىش تەقسىماتى بويىچە، <پىرقە> گە ئايرىغان: ئوتوموپىرقىسى سېلىق <پىرقىسى> گە قوماندانلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئىشلەمچىلىرى ئوقيا ياساشنى ئۈستىگە ئالغان، قاراۋۇللۇق قىلغان؛ قارىلىق پىرقىسى نەزىر - چىراغ ئىشلىرىنى باشقۇرغان ۋە ئىشلەمچىلەرگە قوماندانلىق قىلغان؛ ساپالچىلىق پىرقىسى ساپال بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ۋە ئۆز پىرقىسىنىڭ ئىشلەمچىلىرىگە قوماندانلىق قىلغان. ئوردىدا تائام پىرقىسى، توڭگۇز پىرقىسى قاتارلىقلار بولغان. يەرلىكتە سۇ ئىشلىرى بۆلىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى يەتكۈزۈپ بەرگەن، تاغ ئىشلىرىبۆلىكى تاغ ئورمانلاردىكى داڭلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگەن، Ⅴ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئوردىدا ئات بېقىش پىرقىسى، كېمىيەرگەرلىك پىرقىسى، ئوقياچىلىق پىرقىسى قاتارلىقلار بولغان. دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن، جايلاردىكى دېھقانلارنى يىغىپ، تېرىقچىلىق پىرقىسىنى تەشكىل قىلغان. خېنېي، خېچۈەن (ھازىرقى ئۇساكاغا تەۋە) قاتارلىق بوز يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئالدىنقى ۋە ئارقا سەپتىكى نۇرغۇنلىغان قەبرىلەرنى ياساش ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئىشلەمچىلەر كېرەك بولغان، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدا، تېخنىكلار ئەسىر ئېلىنىپ، قۇل قىلىنغان. ئەسلىدىكى كۇلالچىلىق بۆلىكىدىن باشقا، يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈلۈپ، ساپال قاچىلار پىرقىسى قۇرۇلغان؛ كېمىيەرگەرلىك پىرقىسىمۇ قۇرۇلغان، چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ئىچىدىكى بىلىملىك كشىلەردىن تارىخ پىرقىسى، ئاسار - ئەتىقە پىرقىسى تەشكىل قىلغان. ئىشلەمچىلەر تەشكىلىگە ئومۇمەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەر قوماندانلق قىلغان، ئۇلار ھەمراھ دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئىشلەمچىلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئۆزىنى ئۇرۇق باشلىقى دەپ ئاتىغان، ئىشلەمچىلەر ئۇرۇق تەۋەسىدىكىلەر بولغان. چەتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر دائىم ئەسلىدىكى ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ، ئۆز گۇرۇھىدىكى ئاقساقاللارنى ھەمراھ قىلغان. تېننوغا بىۋاستە تەۋە پىرقىلەر مىڭدەي دەپ ئاتالغان؛ خان جەمەتىگە ھەدىيە قىلىنغان پىرقىلەر زىدەي دەپ ئاتالغان، دۆلەتمەن ئاقسۆڭەكلەر بۇ نامنى ئۆز فامىلىسى بىلەن ئاتاشقان، مەسىلەن: ئوتومو پىرقىسى، سۇۋۇ پىرقىسى دەپ ئاتىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلەمچىلىرى مالايلار دەپ ئاتالغان. ئىشلەمچىلەر تۈزۈمى ياپونىيىدىكى قۇللۇق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى بولۇپ قالغان. تايكا يېڭىلىقىدىن كېيىن، ئىشلەمچىلەر تۈزۈمى پرىنسىپ جەھەتتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. لېكىن ئوردا ۋە ھۆكۈمەت زۆرۈرۈ بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بىر قىسىم قول سانائەت ئائىلىلىرىنى مەھسۇلات ئىشلەش پىرقىسى سۈپىتىدە ساقلاپ قالغان ياكى ئارىلاش ئائىلىلەر قاتارىدا باشقۇرغۇچى مەھكىمىلەر تەۋەسىگە ئالغان، چەت ياقىلاردىكى دۆلەتمەن ئاقسۆڭەكلەرمۇ كونا تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان.