UyghurMain Dictionary
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئەمگەكچىلەر ئاممىسى، كوممۇنا كوللېكتىپى ياكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. تارىختا بۈگۈنگىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئىككى خىل تۈزۈم يەنى: باشلانغۇچى كوممۇنا ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىستىك ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى بولۇپ ئۆتكەن، بۇ ئىككى تۈزۈم شەكلى جەھەتتە ئوخشاشلا ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشمايدۇ. باشلانغۇچ كوممۇنا ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى تولىمۇ تۆۋەن، ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسى ۋە ماددىي ئەشيالار بەكمۇ چەكلىك بولغان ئىجتىمائىي ھالەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ستېخىيىلىك تۈردە شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى پەقەت ئۇرۇقلار، قەبىلىلەر دائىرىسىدىلا چەكلەنگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مۇقەررەر ھالدا خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى ئىگىلىگەن. سوتسىيالىستىك ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى - ئىجتىمائىيلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئارقىلىق كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، خەلق دېموكراتىيىسى (ياكى پرولېتارىيات) دىكتاتۇرىسى شارائىتىدا قۇرۇلغان. بۇ ئاساسەن كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقى ۋە ئومۇمىي خەلق ئىگىدارچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئومۇم ئىگىدارچىلىقى تۈزۈمىگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئورتاق تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ يۈكسەك باسقۇچ كوممۇنىزمغا قاراپ پەيدىنپەي، پىلانلىق ھالدا مېڭىشتىن ئىبارە. يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن تاشقىرى، سىنىپىي جەمئىيەتتە خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى بىلەن تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھەرخىل قىسمەن ياكى ئۆتكۈنچى خاراكتىرلىك ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈملىرىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن: قەدىمكى يېزا جامائەسى ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى، شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى قاتارلىقلار