UyghurMain Dictionary
ئىش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. خىزمەت.
ئىش تۈزۈمى.* ئىش ھەققى. * ئىش بۇزار. * ئىش كۈنى. * ئىشقا كىرىشمەك. * ئىشلىگەن چىشلەيدۇ (ماقال).
2. جېدەل، ھادىسە، ۋەقە. ئىش چىقماق.* ئىش تېرىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ماشىنىچىلىق، موز دۇزلۇق ئاتالغۇسى. تېكىدىغان ماتېرىيال.
ئىش كەسمەك. * ئىش تىكمەك. * قولۇمدا ئىش كۆپ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىش، خىزمەت، ۋەزىپە؛ مەشغۇلات، پائالىيەت، قىلمىش:
تەشۋىش؛ ۋەقە، ھادىسە:
جەك.
نەكىم مەخفى تۇتقان ئىدىم دىن ئىشىن،
فەرەڭ بىلمەگەي دەپ دىن ئايىن ئىشىن.
ئا. نىزارى، ن. زىيائ.
2. كۆككە ماتەمزادەلەر نەۋھەسى گەر ياۋۇشتى،
مېنى ماتەمزەدەگە لېك قاتىغ ئىش تۇشتى.
نەۋياى.
4. مېنىڭ دايىم ئىشىمدۇر ئاھۇ ئەفغان،
بۇ يەڭلىغ دەرد بىرلە چىقماغان جان.
خىرقەتى.
5. گەر ۋۇزۇئ ئۈستۈن ۋۇزۇئ قىلسە كىشى،
نۇرى ئۈستۈن نۇرلۇق بولغاي ئىشى.
خەراباتى.
ھالەت، ھال - ئەھۋال:
ئەمەل:
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ئىشلەيدىغان، مەلۇم كۆلەم ۋە سىستېمىغا ئىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت.
<ئىش> ئەڭ ئومۇمىي.
<يۇمۇش>، <ئىشكۈچ>، <كار> ئادەتتىكى، شەخسكە دائىر ئومۇمىي ئىشقا قارىتىلىدۇ، كۆپىنچە ئېغىز تىلىدا ئىشلىتىلىدۇ.
<خىزمەت>، <ۋەزىپە> ئۆ
ئىش بار يەردە ئاش بار. ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق، ئېشى يوقنىڭ كارى يوق. كارى يوقنىڭ جېنى يوق. كارىڭ بولمىسۇ. يۇمۇش تەننى ھاردۇرغىنى بىلەن، كۆڭۈلنى شاد قىلىدۇ. ھېچبىر ئىشكۈچ يوق، بىكار يۈرۈشتىن ئېغىر ئىش يوق. ھەركىم بىر مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم. خىزمەت چاقچاقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئالغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاش قەرز. ئادەمنىڭ بۇرچى ھەقىقەت ئىزدەش. بۇرچىنى ئادا قىلمىغان كىشى - ساينىڭ تېشى. ھەر ئەمەلنىڭ بىر ۋاقتى، ھەر ۋاقىتنىڭ بىر ئەمىلى بار. ئەمەلى يوق سوپىدىن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇ ياخشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەت ئاقماسلىق، يۈرۈشمەسلىك.
ئۇ ئىش پېتىر بولدى، باشقىچە ئويلىشايلى. قانداق قىلىمىز ئىشىمىز پاسات. ھېلىقى سەن بىلەن قىز تالاشقان يۇڭ باش يىگىت ئىش بېشىدا تۇرغان بولسا، ئىش چاتاق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىس.
چىراق ئىسى؛ تۇرخۇن ۋە تامدىكى قۇرۇم. تون ئىش بولدى _ تون ئىس بولدى، يەنى ئىسلاندى.
1 - 52
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىش.
نە ئىشىڭ بار _ نېمە ئىشىڭ بار؟
1 - 65
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ئىش Ⅰ> گە قاراڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئىش، خىزمەت
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چاچ ئۆرۈمى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى يارىتىش مۇددىئاسىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەت، ئىجادىي ئەمگەك، مېھنەت ياكى مەشغۇلات، خىزمەت.
ئەمەلىي ئىش. ئىلمىي ئىش. ئۆي ئىشى. ئىش كۈنى. ئىش ھەققى. ئىشتىن قالماق.
گەپنى ئاز سۆزلە، ئىشنى كۆپ كۆزلە (ماقال).
ئىش ئادەمگە باغلىق (ماقال).
تاپشۇرۇق، ۋەزىپە.
ئىشقا بۇيرۇماق.
مېھمەت نەتىجىسىدە يارىتىلغان نەرسە، مەھسۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلار.
ئىش ئەۋرىشكىسى.
پائالىيەت، مېھنەت، مەشغۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ساھەسى؛ كەسىپ، مېھنەت، مەشغۇلات ئوبيېكتى.
ئىش تەقسىماتى. ئىش تەقسىم قىلماق.
زۆرۈرىيەت، ئېھتىياج.
ئۇنىڭدا مۇھىم بىر ئىش بار.
زۆرۈرىيەت، ئېھتىياج.
ئۇنىڭدا مۇھىم بىر ئىشىم بار.
مۇناسىۋەت ياكى مەسئۇلىيەت.
- مېنىڭ كىملىكىم بىلەن سىزنىڭ ئىشىڭىز بولمىسۇن، - دېدى ئۇ.
بۇرچ، ۋەزىپە.
- بۇنى قىلىش مېنىڭ ئىشىم، - دېدى ئۇ قەتئىي ھالدا.
سوت ياكى مەمۇرىي ئورگانلاردا تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەسىلە.
جىنايى ئىشلار. خىيانەتچىلىك ئىشى.
سادىر بولغان ۋەقە، ھادىسە.
بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق.
ھالەت، ئەھۋال.
ئىش چاتاق. ئىشلار قانداقراق؟
مەخپىيەتلىك.
ئەدىيالنىڭ ئىچىدىن ئەركىننىڭ خىرتىلداپ يىغلىشى ئاڭلاندى، ئەمدى ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى.
ئامال، ئۇسۇل، چارە.
بۇنىڭ ئىشى ئوڭاي.
ئامەت.
ئىش ئوڭدىن كەلمەك.
مەقسەت، مۇددىئا.
ۋەزىر ئاتتىن چۈشۈپ، نۇردۇن بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە: - قەيەردىن، نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز ئوغلۇم؟ - دەپتۇ ۋەزىر نۇردۇنغا.
دۇچ كېلىش، ئالدىدا تۇرغان ياكى دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي ئەھۋال، مەسىلە.
بېشىغا ئىش كەلمەك.
ياز بار، قىش بار، ئالدىرىماڭ، ئىش بار (ماقال).
<فىز> بىر كۈچنىڭ جىسىمنى ئۆز يۆنىلىشى بويىچە سىلجىتىشى. ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تەسىر قىلغۇچى كۈچنىڭ مىقدارىنى كۈچنىڭ يۆنىلىشىدە جىسىم سىلجىغان ئارىلىققا كۆپەيتكەنگە تەڭ.