UyghurMain Dictionary
ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىرەر ئادەم ياكى ئىشتىن پايدا - نەپ ئېلىش ئۈمىدىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: تالاغا پىل ئىكەنمىز، ھەي، بۇنى بىلمەپتىمىز، يارەب، قوتانغا بۆرىنى كەل دەپ، خاتا چىللاپتىمىز، يارەب. مۇسۇلمان دېسە بۇ شەيتان، كالامنى بىلىپ ھەق - راست، دۇئا تەكبىر بىلەن باشتا ئۇنى يادلاپتىمىز، يارەب. «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ» دەپ بىر ماقال تۇرسا، ئاتالار سۆزىگە دىلدىن ئەمەل قىلماپتىمز، يارەب.