UyghurMain Dictionary
ئىشەنچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە ھەق دەپ ھۈرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەت تاپقان روھىي ھالەت.
<ئىمان> دىنغا دائىر.
ئىشەنچ كامىل بولسا، يېڭىشمۇ كامىل. ئىشەنچ سەككىز تاغنى قوزغايدۇ. تۇرمۇشقا ئېتىمات لازىم. ئېتىماتنىڭ يوقىلىشى ئەڭ چوڭ دۈشمەن. بىلىم بىلەن بولار ئادەمدە ئىمان، بىلىم بىلەن دىۋىنى باغلىماق ئاسان. ھەق - ھوقۇقىمىزنى ئالالىشىمىزغا ئىمانىم كامىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىشەنگەن ۋە قايىل بولغان روھىي - ھالەت.
شەك، شۈبھە، گۇمان
ئىشەنمىگەن، دېلىغۇل بولغان روھىي - ھالەت.
ھەقىقىي ھاياتلىقتا ھەربىر ئۇلۇغۋار ئىش ئىشەنچتىن باشلىنىدۇ، ئىشەنچ ئارقىلىق بىرىنچى قەدەم تاشلىنىدۇ. ئېتىقاد بولسا، شۈبھە يوقىلىدۇ. نان - ئىمان، ناننىڭ يوقى يامان. گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ. ئانىنىڭ مېھرىگە شەك يوق. شۈبھە دوستلۇقنى بۇزىدۇ. بېگىمدىن گۇمان بولدى، ماڭا ئۇۋال بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھەقىقىي، چىن، راست، شەرتسىز دەپ بىلىش، ئىشىنىش؛ ئېتىقاد.
ئىشەنچكە تولماق. ئىشەنچ باغلىماق. ئىشەنچ كامىل.
ئىشەنچ بولسا ياخشى ئەخلاقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئاقىۋەتتە كىشىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.