UyghurMain Dictionary
ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
قىسقارتىپ كۈرەش جەمئىيىتى دەپ ئاتالغان. روسىيە ماركسىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى بىخى. 1895 - يىلى 12 - ئايدا لېنىننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە قاتتىق ئىنتىزام ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش پرىنسىپىغا ئاساسەن پېتېربۇرگدىكى بارلىق ماركسىزمچى ئىشچىلار گۇرۇپپلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئىشقا ئاشقان، 15 - 17 كىشىلىك رەھبەرلىك يادروسى سايلاپ چىقىلغان. ئۇلار تۈرلۈك ژۇرناللارنى شەشىر قىلغان. ئىشچىلار ئاممىسى ئىچىدە سوتسىيالىزم توغرىسىدا تەشۋىق ئېلىپ بارغان. پېتېربۇرگ ئىشچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىشىغا كۆپ قېتىم رەھبەرلىك قىلغان. ئىشچىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىنى چار كورۇل تۈزۈمىگە ۋە كاپىتالىزمغا قارشى تۇرۇش يولىدىك سىياسىي كۈرەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، روسىيىدە سوتىسيالىزم بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىرلىشىشىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان.