UyghurMain Dictionary
ئېرىنچەكلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ئەمگەكنى ياقتۇرماسلىق
ھۇرۇنلۇقتىن بالا كېلەر باشقا، ئىشچانلىقتىن گۈل ئۈنەر تاشتا. ھۇرۇنلۇق ئاچكۆزلۈك بىلەن بىر تۇغقان. ھۇرۇنلۇق ئەقىل تىغىنى قاشارتار. ھۇرۇنلۇق ئاچلىقنىڭ ئانىسى، ئوغرىلىقنىڭ ھامىيىسى، ئېرىنچەكلىك - جىنايەتنىڭ بىخى. يالقاۋلىقتىن ياندىكى نەرسىمۇ يوقىلار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ئەمگەكتىن قېچىش ئىللىتى.
ئىشچانلىق، تىرىشچانلىق، تىرىشقاقلىق
ئىش - ئەمگەككە قاتتىق بېرىلىش خىسلىتى.
ئىشچانلىق ئاشقا تارتىدۇ، ھۇرۇنلۇق باشقا. بىلىمسىزنىڭ تىرىشچانلىقى يورۇقى يوق ئوت بىلەن تەڭ. تىرىشقاقلىق تىنىم تاپقۇزمايدۇ. ھۇرۇنلۇق بىلەن ئاچكۆزلۈك بىر تۇغقان. ھۇرۇنلۇق ھەممە يامانلىقنىڭ ئاتىسى، ئەسكىلىكنىڭ يىلتىزى. يالقاۋلىق ياردىن غۇلىتىدۇ. ئېرىنچەكلىك - جىنايەت. تىرىشچانلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھۇرۇنلۇق، رايى بارماسلىق، ئىش خۇشياقماسلىق.
پەزىلەت ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزىنى ئېچىپ سىڭلىسىغا قارىدى.