UyghurMain Dictionary
ئېرېنبۇرگ
دۇنيا تارىخى
(1891 - 1967) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. كيېۋدىكى يەھۇدىي ئىنژېنېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا بىرىنچى ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىۋېتىلگەن. 1908 - پارىژغا قېچىپ بارغان. 1910 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ياندۇرقى يىلى <مەن تېخى ھايات> دېگەن تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى چىقارغان. پارىژدا تۇرغان مەزگىلدە دېكادېنىتلارنىڭ بەدىئىي تەسىرىگە ئۇچرىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيە <پاي چېكى ئەھۋالى ئاخباراتى>، <روسىيە سەھىرى> گېزىتىنىڭ فرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئۇرۇش سېپىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولغان. 1917 - يىلى 7 - ئايدا روسىيىگە قايتقان. سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاقلار پارتىيىسىنى قوللايدىغان گېزىت ئۈچۈن ئىشلىگەن. 20 - 30 - يىللاردا، <ئىزۋتىسىيە> گېزىتىنىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى بولۇپ، ئىلگىرى - كېين بولۇپ فرانسىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيىلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1937 - يىلدىن كېين پارىژدا سوۋېت ئىتتپاقى گېزىت - ژۇرناللىرىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1940 - يىلى فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندا سوۋېت ئىتتپاقىغا قايتقان. ئالدىنقى مەزگىللەردىكى ئەسەرلىرىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن گۇمان بىلەن قاراش خاھىشى ئەكس ئەتكەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلدە. <ھەقىقەت> گېزىتى، <قىزىل يۇلتۇز> گېزىتىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى مۇخبىرى بولۇپ، 3000 پارچىغا يېقىن ماقالە يازغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرمۇنچە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىدە گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى پاش قىلىنغان، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مەدھىيىلەنگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۈچۈنچى نۆۋەتلىكتىن يەتتىنچى نۆۋەتلىككىچە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. 1950 - يىلىدىن تارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى تىنچىلىقنى قوغداش كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953 - يىلىدىن تارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1958 - يىلىدىن تارتىپ دۇنيا تىنچلىق مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھەيئەت رىياستىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1949 - يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغنا. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئاداققىچە>، <ئىككىنچى كۈنى>، <پارىژنىڭ قولدىن كېتىشى>، <بوران>، <دېڭىز دولقۇنى> ۋە <ئىنسانىيەت گۆھىرىنى قوغدايلى> قاتارلىقلار. 1954 - يىلى <ئېرىتىش> دېگەن پوۋېستنى ئېلان قىلغان، <ئېرىتىش ئەدەبىياتى> مۇشۇ ئەسەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.