UyghurMain Dictionary
ئىرادە ھەرىكىتى
پسىخولوگىيە
بۇ يېتىشكە تېگىشلىك مەقسەتنى ئاڭلىق سۈرەتتە ئوتتۇرىغا قويۇش ھەرىكىتى. يەنى ئۇ ئىرادىنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدىكى ھەرىكەت. ھەرىكەت مەقسەتكە يېتىشتىكى ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي ئامىلى. ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى باشتىن - ئاياغ ئاڭلىق ھەرىكەت. كىشىنىڭ ئاڭلىق پائالىيەتچانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ پسىخىك جەريانى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، قارار قىلىش باسقۇچى، يەنە بىرى، قارارنى ئىجرا قىلىش باسقۇچى.
بىر قارارغا كېلىش باسقۇچى ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى بولۇپ، ئۇ ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشىنى، ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ كېيىنكى يولىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ باسقۇچ مۇددىئا كۈرىشى، مەقسەتنى بەلگىلەش، ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللاش ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزەش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قارارنى ئىجرا قىلىش باسقۇچى ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ تاماملىنىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا كىشىنىڭ سۇبيېكتىپ مەقسىتى ئوبيېكتىپ نەتىجىگە ئايلىنىدۇ. ئۇقۇمدىكى نەرسە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ باسقۇچنىڭ قارارنى ئىجرا قىلىش ۋە قارارنى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش قاتارلىق ھالقىلىرى بار.