UyghurMain Dictionary
ئىرادە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
= ئىرادەت:
ھەركۈن بۇ فىراق بولۇپ زىيادە،
بۇ جەۋرۇ جەفا ماڭا ئىرادە.
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<ئىرادەت> كە قاراڭ؛ ئىرادە ئەيلەمەك - خالىماق، ئىستىمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆڭۈلگە پۈككەن خاھىش، مەيل.
<جون> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قەيسەر ئىرادە دۇنيادىكى ھەرقانداق ئېگىز چوققىنى بويسۇندۇرالايدۇ. ئىرادە بىلەن چىدام ئىشنىڭ قوش قانىتى. نىيەت ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. ھەقىقەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئادەم بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلسىمۇ، ئاتا - ئانىلىرى، قوۋم - قېرىنداشلىرى يىغا - زار قىلىشسىمۇ نىيىتىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، ئىرادىسىدىن زادى قايتمايدۇ. جونى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.
كەيپىيات ۋە ئىرادە
ئىرادە نىشاننى ئاڭلىق بېكىتىپ، شۇ نىشان ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش، تەڭشەش ئارقىلىق ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر خىل پسىخىك پائالىيەتتىن ئىبارەت.
ئىرادە جەريانى مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىسى، روشەن مەقسەتچانلىق. پائالىيەت نىشانىنى ئاڭلىق بېكىتىش ئادەمنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى. فرانسىيىلىك باكتېرىيىشۇناس باسد: »ئىرادە تىكلەش كەسىپنىڭ قوۋۇقى، خىزمەت قەسىرگە كىرىشنىڭ مۇساپىسى« دېگەنىدى. ئىككىنچىسى، قىيىنچىلىقنى يېڭىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ئىرادە پائالىيىتى دەل ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئىختىيارىي ھەرىكەتنى ئاساس قىلىش. ئادەمنىڭ بارلىق پائالىيىتى ھەرىكەتتىن تەركىب تاپىدۇ، ھالبۇكى، ئىختىيارىي ھەرىكەت ئىرادە پائالىيىتىنىڭ ئاساسى.
ئادەمنىڭ ئىرادىسىدە پەرق بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ھەرىكەتتىكى ئاڭلىقلىق، ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى، قەتئىيلىك، كەسكىنلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. »شەمشەر بىلىگەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، مېيخۇا گۈلىنىڭ خۇش پۇرىقى قەھرىتان سوغۇقتىن كېلىدۇ.« تارىختا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىكى كىشىلەردە ئورتاق بىر پسىخىكىلىق شەرت — قەيسەر ئىرادە بولغان.
پسىخولوگىيە
بۇ مەلۇم بىر خىل مەقسەتكە يېتىشنى قارار قىلىش بىلەن پەيدا بولغان پسىخىك ھالەت بولۇپ، كۆپىنچە تىل ۋە ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئىرادە كىشىنىڭ ئاڭلىق ئاكتىپچانلىقىنىڭ ئىپادىسى. كىشىنىڭ دۇنيا قارىشى ئىرادىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن رولىغا بەلگىلىك تەسىر قىلىدۇ. ئىرادە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بىلەن چەكلىنىدۇ. ئىرادىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىشقا، ئوبيېكتىپ شەرت - شارائىت چەكلىمىسىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئىنقىلابىي روھ بىلەن ئىلمىي پوزىتسىيىنى بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مەقسەت، نىشان ۋە ئىش - ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىدە بولىدىغان غەيرەت، مەۋقە، قەتئىيلىك.
ئىرادە باغلىماق. ئىرادە تۇرغۇزماق.
خاھىش، ئىختىيار؛ قەتئىي نىيەت.
راست گەپنى قىلغاندا، بۇ ئىش مېنىڭ ئىرادەمگە قارشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىرادەم، ئىرادىگۈل
ئىختىيارلىق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ئىستەپ، ئارزۇ قىلىپ ئېرىشىلگەن قىز ياكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، مۇرۇۋۋىتى بولغان قىز ياكى ئىرادىلىك، چىداملىق قىز.