Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېپىكتېتوس
دۇنيا تارىخى
爱比克泰德
ài bǐ kè tài dé
مىلادى تەخمىنەن 55 - 135( قەدىمكى رىم دەۋرىدكى يېڭى سىتوئىكوچى پەيلاسوپ.يۇنانلىق، فىرىگىيا )كىچىك ئاسىيا( دىكى ھيېراپولدا تۇغۇلغان. قۇل بولۇپ، خوجايىنى ئېپافرودىت )ئۇ ئەسلىدە پادىشاھ نېرو قويۇپ بەرگەن قۇل بولۇپ، كېيىن ئەمەلدار بولغان( ئۇنى قويۇپ بەرگەن، رىمدا پەلسەپە ئوقۇغان پادىشاھ دومتىئان تەختتە تۇرغان مەزگىلدە )81 - 96( پەيلاسوپلار كۆپلەپ قوغلاپ چىقىرىلغاندا، ئېپىرۇس )بالقان يېرىم ئارىلى( تىكى نىكوپولىسقا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇ يەردە قېرىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئۆزى ئەسەر قالدۇرمىغان. ئاساسەن شاگىرتى ئاررىئان ئۇنىڭ ئىدىيىسى توغرىسىدىكى <تېزىسلار> نى تۈزگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ نوتۇقلىرى خاتىرىسى سەككىز توملۇق <ئۇستاز بايانلىرى> )ھازىرغىچە تۆت توم ساقلانماقتا( نى تۈزۈپ چىققان، ئۇنىڭدىن ئېپىكتېتوسنىڭ سىتوئىكوچىلىق قاراشلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇ بۇ ئالەمدىكى تۇرمۇشتىن بىزار بولىدىغنا تەقدىرچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، ئادەمنىڭ ھاياتى خۇددىي مەھبۇسقا ئوخشايدۇ، ئادەمنىڭ قېنى تېنىگە نەزەربەند قىلىۋېتىلگەن، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئەخلاق ھەققىدىكى ھېكمەتلىك سۆزى سەۋرچان بولۇش ۋە ئۆزىنى تۇتۇش دېگەندىن ئىبارەت. ئۇ، ئادەم ئەقىل ۋە تۇغما بىلىشنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنۇشى كېرەك؛ ئادەم روھىي ئەركىنلىككە ۋە بەختكە ئىگە بولماقچىق بولىدىكەن، بارلىق دەھرىي بىئاراملىق ۋە قايمۇقۇشلارنى چۆرۈپ تاشلىشى، ھەرگىز تاشقى شەيئىلەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرادىسنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىقى لازىم، دەپ قارىغان. ئۇ ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگە. ئىلاھ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن باشقۇردىدۇ، كىشىلەرگە تۈرلۈك روللارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ )ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىمۇ ياخشى(، شەخسنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزىنىڭ رولىنى ئويناشتۇر، دەپ قارىغان. پەقەت ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى يېتىدىغان دائىرىدىكى نەرسىلەرنىلا ئىشقا سېلىش، باشقىسىدا بولۇشىغا قويۇپ بېرىش ) ئىلاھ ئىراسىدىگە بويسۇنۇش( نى تەشەببۇس قىلغان، ئۇ يەنە كىشىلەر مېھرىبان بولۇشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگىمۇ ياخشىلىق قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. بۇنداق ۋەز - نەسىھەت خرىستىئان دىنى پەيدا بولغان دەۋر )مىلادى Ⅰ - Ⅱ ئەسىر( دە رىم ئىمپېرىيىسىدە، بولۇپمۇ تۆۋەن قاتلامدىكى ئامما ئىچىدە ساقلانغان پاسسىپ كەيپىياتقا ماسلاشقان.