Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېپىكورۇس
دۇنيا تارىخى
伊壁鸠鲁
yī bì jiū lǔ
(مىلادىدىن ئىلگىرى 134 - 270) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. ئېپىكورۇس ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ئاتىكا (ئافىنا) نىڭ گارگېت دېگەن يېزىسدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دادىسى نېئوكل بىلەن بىللە ساموس ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن (ساموستا تۇغۇلغان دېگەن گەپمۇ بار). تەخمىنەن 18 يېشىدا ئافىناغا بېرىپ، ئاكادېمىيە ئېقىمىدىكى سېنوكراتنى ئۇستاز تۇتقان. كېيىن مىتلېن، رامپوساك (ھېلېسپونت دېڭىز بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا) قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن. تەخمىنەن 35 ياش ۋاقتىدا ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، 80 مىناغا بىر باغنى سېتىۋېلىپ، بۇ يەردە شاگىرت قوبۇل قىلىپ، دەرس سۆزلەپ، ئۆز ئېقىمىنى قۇرۇپ چىققان. ئىقتىسادچان، كەمتەر ۋە خۇش پېئىل بولۇپ، كېيىنكى ئۆمرىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. ئىدېئالىزمغا قارشى تۇرۇپ، ماددىي دۇنيانىڭ بىردىنبىر چىنلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. دېموكرىتىنىڭ ئاتوم تەلىماتىغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. بۆلۈنمەيدىغان، مۇتلەق تولۇق بولغان ئاتوملارنىڭ ھەجمى، شەكلى ئوخشاش بولمايلا قالماستىن، ئېغىرلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئىچكى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاتوم ماكاندا تۈز سىزىقلىق ھەرىكەتتە بولۇپلا قالماستىن، يانتۇ سىزىقلىق ھەرىكەتتىمۇ بولىدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتوم ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈش جەھەتتە، ئۇ دېموكرىتنىڭ تاسادىپىيلىقىنى يوققا چىقىرىدىغان نۇقتىئىنەزەرنى تۈگەتكەن. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە ھېسسىي بىلىشنىڭ رولىنى تەكىتلەپ تۇيغۇ (تۇيغۇ ئەزالىرى) ئىشەنچىلىك بولىدۇ. خاتالىق پەقەت كىشىلەرنىڭ تۇيغۇ ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە ھۆكۈملىرىدىلا مەۋجۇت دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزملىق ئىدىيىسى تەقدىرچىلىكنى ئىنكار قىلىش ۋە روھ ئۆلمەيدۇ (قەدىمدىن تارقىلىپ يۈرگەن قاراش) دېگەنگە قارشى تۇرۇشتا ئىپادىلەنگەن. ئۇ خۇدا مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ، دىن تەسەللى بولماستىن، بەلكى كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ غەم - ئەندىشە ئېلىپ كېلىدۇ؛ كىشىلەر خۇدا ۋە دىننىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارىغان. روھ بىر خىل ناھايىتى كىچىك ئاتومدىن تەركىب تاپىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى بۇ خىل روھ ئاتومىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى بولۇپ، يەنە ھەرقانداق تۇيغۇنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن ئەندىشە قىلىنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ كۆرسەتكەن. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى تۇيغۇنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش ۋە ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇشتا، خۇشاللىق - ياخشىلىق، خۇشاللىق - بەخت (<خۇشاللىق پەلسەپىسى> دېگەن شۇ) دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. مۇبادا خۇمار، مۇھەببەت ۋە ئاڭلاش، كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ خۇشاللىقى بولمايدىغان بولسا، ياخشىلىقنى تەسەۋۋرۇ قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان، لېكىن ئۇ شەھۋانىيلىققا بېرىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئەمەس، بەلكى ئەقىلنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى، يەنى ئەقىگە مۇۋاپىق ئىدىيە ئارقىلىق سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئازدۇرۇشىنى توسۇپ، بۇ ئارقىلىق روھىي خاتىرجەملىك ھالىتىگە يېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئېپىكورۇس كېيىنكى مەزگىلدىكى يۇناننىڭ داڭلىق ماتېرىيالىزمچى ۋە ئاتېئىزمچىسى ئىدى. ئۇنىڭ كۆپ خىل ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى يوقىلىپ كېتىپ، بۈگۈنگىچە پەقەت <تەبىئەت توغرىسىدا> (73وم)نىڭ پارچىلىرى ۋە 40 نەچچە قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <تەلىماتىنىڭ ئاساسىي مەزمونى>لا ساقلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۈچ پارچە خېتىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقى تېخى بېكىتىلمىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردىكى رىملىق لۇكرېتسىي ئېپىكورۇسنىڭ مۇرىتى بولۇپ، ئۇنىڭ <ماددا توغرىسدا> دېگەن داستانى ئېپىكورۇس تەلىماتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.