UyghurMain Dictionary
ئوت ئېتىقادچىلىقى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەلسەپە
قەدىمكى زاماندا ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپلەردە تارقالغان بىر خىل دىن. ھازىر ئىراننىڭ ئاز ساندىكى مۇرىتلىرى بار. بۇ دىن <دۇنيانىڭ بىر - بىرىگە قارىمۇ قارىشى ئىككى مەنبەسى بار، ئۇلار كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ: بىر مەنبە - ياخشىلىق، ئۇنىڭ سىمۋولى يورۇقلۇق ئىلاھى خۇرۇمازدا، يەنە بىر مەنبە - يامانلىق، ئۇنىڭ سىمۋولى جاھالەت ئىلاھى ئاگروماينوس؛ ئوت ياخشىلىق ۋە يورۇقلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ> دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇ <مۇقەددەس ئوت> قا چوقۇنۇشنى ئاساسىي مۇراسىم قىلىدۇ.