ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاتەش، ئالاۋ.
ئوتدان. * ئوتقاش. * ئوت قالىماق. * ئوت كەتمەك. * ئوت بىلەن ئويناشما (ماقال). * «ئوت» دېگەنگە ئېغىز كۆيمەس (ماقال). * ئۆتكەن ۋاقىت - ئۆچكەن ئوت (ماقال). * كۆپ ياققان ئوت كۆككە يېتەر (ماقال). * جان ئوت، جان ئەر (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چۆپ، گىياھ، كۆكتات، مايسا.
ياۋا ئوت. * ئوت - چۆپ، ئوت - خەشەك. * ئوتياش - كۆكتات. * ئوت ئوتىماق، ئوت ئورماق. * ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(كونىرىغان سۆز). ئۆسۈملۈك دورا.
ئوتاچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دورا، دورا ئوت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ماددا.
يازنىڭ تېزىكى قىشقا دورا. نېمە ئانچە ئاچچىقسەن؟ _ دەپ سوراشتى كۆكتاشتىن. _ مەن دورىمەن! _ دەپ جاۋاب بەردى كۆكتاش. دورا بىلەن جان باققىلى بولماس. ئاچلىق ئەڭ ياخشى دورا، ھارغىنلىق ئەڭ ياخشى ياستۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆيۈش جەريانى، جىسىم كۆيگەن چاغدا چىقىدىغان نۇر، يالقۇن.
ئوتى بار ئۆيگىلا ئوت كېتەر. ئۆز ئۆيۈڭدە ئوتۇڭغا باق، خەقنىڭ ئۆيىدە ئاغزىڭغا. پەرۋانە ئاتەشتىن ھۇزۇر تاپسا گەر، كۆيسىمۇ ھېچقاچان قىلمايدۇ ھەزەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈك ئىچىدە دەل - دەرەخ، زىرائەت، ئوتياشتىن باشقا غولى يۇمشاق ئۆسۈملۈكلەر.
ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق. مەرىگەك قوي چۆپنى ئاز يەيدۇ. ئادەمنىڭ كۈنى كۆپ بىلەن، ھايۋاننىڭ كۈنى چۆپ بىلەن. زەر ياستۇقنىڭ ئىچى ئوت - چۆپ. ئىككى پىل تالىشپ قالسا، ئەتراپتىكى ئوت - چۆپنى چەيلىۋېتىدۇ. گىياھ ئۈنمەيدىغان دەشت - باياۋاندا يەنىلا ھايات بار.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئوت، ئۆسۈملۈك.
ئوت ئۈندى _ ئوت ئۈندى.
1 - 48
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىمال يەيدىغان ئوت - چۆپ. ئاتقا ئوت بېگىل _ئاتقا ئوت بەرگىن.
1 - 48
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىدورا ئوت.
ئوت ئىچتىم _ دورا ئىچتىم. تېۋىپ مەنىسىدىكى « ئوتاچى» دېگەن سۆز ئەنە شۇ سۆزدىن ياسالغان.
1 - 49
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئوغا، زەھەر.
بەگ ئاڭار ئوت بەردى _ بەگ ئاڭ ئوغا بەردى.
1 - 49
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى