UyghurMain Dictionary
ئوتتۇز
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوتتۇز.
ئوتتۇز يارماق _ ئوتتۇز يارماق. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. « ئوتتۇز» سۆزىنى «ئۇچ» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىشىمۇ بار. مەن بۇنى « كۈڭۈت» تە ياغمىلاردىن ئاڭلىدىم. ئۇلار «ئۈچ قېتىم ئىچەيلى» دېيىشنىڭ ئورنىغا « ئوتتۇز ئىچەلىم» دەيدۇ. « ئوتتۇز» سۆزىنى ئادەتتىكى مەنىدىمۇ ئىشلىتىدۇ. مېنىڭ يېنىمدا ئۈچ قېتىم ئۈچتىن ئىچىشتى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئوتتۇز ئىچىپ قىقرالىم
يۇقار قوپۇپ سەكرەلىم
ئارسلانلايۇ كۆكرەلىم
قاچتى ساقىنچ سەۋنەلىم
ئوتتۇز (ئۈچ قېتىم ئۈچتىن) ئىچىپ قىقىرايلى،
يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى،
ئارسلاندەك ھۆكۈرەيلى،
قايغۇ قاچتى، سۆيۈنەيلى.
ئۈچ قېتىمدىن ئىچەيلى، ئورنىمىزدىن تۇرايلى، ئارسلاندەك ھۆكۈرەيلى، قايغۇنىڭ بىزدىن يىراق كەتكەنلىكىنى كۆرسىتەيلى. بۇ شېئىردا كەلگەن « ئوتتۇز ئىچىپ قىقرالىم» دېگەن مىسرادىكى « ئوتتۇز» سۆزى ھەر بىرىمىز «ئۈچ قېتىمدىن ئۈچتىن ئىچەيلى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.
1 - 193
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سان
ئوننىڭ ئۈچ قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، 29 دىن چوڭ، 31 دىن كىچىك بولغان پۈتۈن سان.
30 دانە ئالما.