UyghurMain Dictionary
ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
ئوتتۇرا شەرق ئادەتتە ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق ئۈچ قىتئەنى ھالقىپ ئۆتىدىغان رايونلارنى، جۈملىدىن غەربتە مىسىردىن باشلىنىپ شەرقتە ئىرانغىچە بولغان ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى كۆرسىتىدۇ. بۇ رايون خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت خەزىنىسى، شۇنداقلا ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ جەزمەن تالىشىدىغان جايى بولۇپ قالغان. كەڭ كۆلەملىك ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى1948 - يىلىدىن1973 - يىلىغىچە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ تۆت قېتىم يۈز بەرگەن.1947
- يىلى11 - ئايدا ب د ت پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، پەلەستىندە ئەرەب دۆلىتى بىلەن يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى بەلگىلىدى، بۇ قارار يەھۇدىيلارغا پايدىلىق بولغانلىقتىن، پەلەستىندىكى ئەرەبلەر ئۇنىڭغا قارشى تۇردى.1948 - يىل5 - ئاينىڭ15 - كۈنى يەھۇدىيلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.16 - كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىر، ئىراق، لىۋان، سۈرىيە، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەردى (يەنى بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى). بەلگىلىمە بويىچە ئىسرائىلىيىنىڭ زېمىنى14 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن1949 - يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، ئۇ پەلەستىننىڭ20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يېرىنى كونترول قىلىۋېلىپ،960 مىڭ پەلەستىنلىكنى يۇرت - ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى مۇساپىر قىلىپ قويدى.1956
- يىلى7 - ئايدا مىسىر سۇۋەيش قانىلىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى،10 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىسرائىلىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە مىسىرغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى)،11 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئۇرۇش توختىدى.1967 - يىل6 - ئاينىڭ5 - كۈنى، ئىسرائىلىيە ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى قوزغاپ، مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ،65 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئىشغال قىلىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن500 مىڭ ئەرەب يۇرت - ماكانسىز قالدى.
ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق زوراۋانلىقى ئالدىدا ئەرەب دۆلەتلىرى ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى.1973 - يىل10 - ئاينىڭ6 - كۈنى (يەھۇدىي دىنىدىكى گۇناھ يۇيۇش كۈنى) مىسىر ئارمىيىسى ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە سۇۋەيش قانىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا »بالېﻒ مۇداپىئە لىنىيىسى« قۇرۇپ، توققۇز تانكا ۋە پىيادە ئەسكەرلەر برىگادىسىنى ئۇ يەرنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە بۇ مۇداپىئە لىنىيىسى يىمىرىلمەس دەپ بايانات ئېلان قىلدى. لېكىن،10 سائەت ئىچىدە مىسىر ئارمىيىسى بالېﻒ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر برىگادىسىنى تولۇق يوقاتتى، كېيىن يەنە سىناي ئارىلىغا بېسىپ كىردى.10 - ئاينىڭ14 - كۈنى مىسىر ئارمىيىسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تانكا چوڭ ئۇرۇشى قىلدى، ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا جەمئىي1600 تانكا چىقاردى، بۇ ئۇرۇش مىسلىسىز كەسكىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈرىيە ئارمىيىسى بىلەن پەلەستىن پارتىزانلار ئەترىتىمۇ گىلان ئېگىزلىكى بىلەن ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان باشقا رايونلاردا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى مىسىرغا ۋە سۈرىيىگە كەينى - كەينىدىن ماددىي ياردەم بەردى، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىر قېتىمدىلا1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مالىيە ياردىمى بەردى. نېفىت چىقىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى نېفىتنى قورال قىلىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنى قوللىغۇچىلارغا نېفىت چەكلەش ھەرىكىتىنى قوللاندى.10 - ئاينىڭ22 - كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى »بۇ جايدا ئۇرۇش توختىتىش« توغرىسىدىكى سوۋېت - ئامېرىكا بىرلەشمە تەكلىپىنى ماقۇللىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. تۆتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئۆكتەبىر ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
دۇنيا تارىخى
1947 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش قارارىنى ماقۇللىغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا پارتلىغان تۆت قېتىملىق ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ: (1) پەلەستىن ئۇرۇشى، 1948 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يەھۇدىيلار پەلەستىندە <ئىسرائىلىيە دۆلىتى> قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككىنچى كۈنى، ئىسرائىلىيە مىسىر، ئىراق، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. 1949 - يىلى 2 - ئايدىن 7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئارقا - ئارقىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 960 مىڭ پەلەستىنلىك يۇرت ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ 20 نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى كونترول قىلىۋالدى. (2) سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى. 1956 - يىلى 7 - ئايدا مىسىر سۇۋەيش قانىلىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى 10 - ئايدا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە مىسىرغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. مىسىرنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ۋە ئەرەب خەلقى ھەمدە دۇنيا خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنى مىسىردىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 1957 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئىسرائىلىيە قوشۇنى گازا ۋە ئەكبەر قولتۇقى رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. (3) <5 - ئىيۇن> ئۇرۇشى. 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئىسرائىلىيە مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە كۈن ئىچىدە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، ئېروسالىمنىڭ شەرقىي رايونى، گازا رايونى ۋە مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى، سۈرىيىنىڭ گولان ئېگىزلىكى قاتارلىق جەمئىي 65 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئەرەب زېمىنىنى بېسىۋالدى، 500 مىڭغا يېقىن ئەرەب مۇساپىرلارغا ئايلىنىپ قالدى. 6 - ئاينىڭ 7، 8 - كۈنلىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، <ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ> نى ماقۇللىتىپ، مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىنى كەڭ زېمىندىن مەھرۇم بولغان ئەھۋال ئاستىدا، شەرتسىز <ئۇرۇش توختىتىش> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. (4) ئۆكتەبر ئۇرۇشى. 1973 - يىل 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مىسىر، ۈرىيە ۋە پەلەستىننىڭ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشى. مىسىر قوشۇنلىرى سۇۋەيش قانىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ 10 - ئاينىڭ 8 ـ كۈنى <بالېۋ مۇداپىئە لىنىيىسى> نى بۇزۇپ تاشلاپ، سىناي يېرىم ئارىلىغا بۆسۈپ كىردى؛ سۈرىيەقوشۇنلىرى گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، ھېرمون تېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە ئىستېھكاملارنى بېسىۋالدى. پەلەستىن پارتىزانلىرى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقا سېپىدە ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەن كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئالدى. ئەرەب نېفىت دۆلەتلىرى نېفىتتىن ئىبارەت بۇ قورالدىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزدى. 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى <ئۇرۇشنى ئۆز جايىدىلا توختىتىش> توغرىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى - ئامېرىكا تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللاپ، ئۇرۇشنى ئاخىر توختاتتى.