Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوتتۇرا ئوق غىلىپى
بىئولوگىيە
中柱鞘
zhōngzhùqiào
ئوتتۇرا ئوقنى سىرتتىن ئوراپ تۇرغان نېپىز پوستلۇق توقۇلما قەۋىتى. يىلتىزنىڭ ئوتتۇرا ئوق غىلىپى بىر قەۋەت نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، بەزىدە ئىككى ياكى كۆپ قەۋەت ھۈجەيرىدىنمۇ تۈزۈلىدۇ. ئوتتۇرا ئوق غىلىپى ياندا ئۆسكەن يىلتىز، پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت ۋە تۇراقسىز بىخنىڭ ھاسىل وبولۇش ئورنى بولۇپ، ئۇنىڭدا بۆلۈنگۈچى توقۇلمىنىڭ خۇسۇسىيىتى بولىدۇ. غولىدىكى ئوتتۇرا ئوق غىلىپى كۆپ قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ئۇنى تەركىبىدە نېپىز پوستلۇق توقۇلمىدىن باشقا، ئەۋرىشىملىك قىسىم تالاسى ياكى تاش ھۈجەيرە بولىدۇ، ئۇنىڭ قوۋزاق قەۋەت ۋە ئەۋرىشىملىك قىسىم بىلەن بولغان چېگرىسى روشەن بولمايدۇ. يەككە پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردە ئوتتۇرا ئوق غىلىپى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھەربىر قاناللار باغلىمىنىڭ سىرتىنى قېلىن بۇلۇڭلۇق توقۇلما ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇ قاناللار باغلىمى غىلىپى دەپ ئاتىلىدۇ.