Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوتتۇرا ئوق
بىئولوگىيە
中柱
zhōngzhù
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز ۋە غولىدىكى ئوتتۇرا ئوق قىسمى بوۇپ، ئۇ قاناللار باغلىمى (ياغاچلىق قىسىم بىلەن ئەۋرىشىملىك قىسىم) ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان نېپىز پوستلۇق توقۇلما (ئوتتۇرا ئوق غىلىپى، پور سىزىقى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈك تېنىدىكى ئاساسلىق توشۇغۇچى ۋە تىرەك بولغۇچى قۇرۇلما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئوق قاناللار باغلىمى بىلەن باشقا توقۇلمىلارنىڭ ماسلىشىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كۆپ خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ. بىر قەدەر ئىپتىدائىي ئوتتۇرا ئوقنىڭ قاناللار باغلىمى پۈتەي سىلىندىرسىمان بولۇپ، ئىپتىدائىي ئوتتۇرا ئوق دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ كۆپ ساندىكى پاپوروتنىكلار (مەسىلەن، لىگودىئوم پاپوروتنىكى) نىڭ غولىدا ۋە كۆپ ساندىكى قاناللىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىدا كۆرۈلىدۇ. بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان ئوتتۇرا ئوقتىكى قاناللار باغلىمى كانايسىمان بولۇپ، مەركىزىدە پورى بولىدۇ، بۇ كانايسىمان ئوتتۇرا ئوق دەپ ئاتىلىدۇ، پاپوروتنىكلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. قاناللار باغلىمى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تورسىمان تارقالغان تۈزۈلۈشلەر تورسىمان ئوتتۇرا ئوق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، بەزى پاپوروتنىكلار ۋە سامان غوللۇق يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە بۇ خىل تۈزۈلۈش كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى يەككە پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاناللار باغلىمى تورسىمان ئوتتۇرا ئوقنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدىكى قوۋزاق قەۋەت بىلەن ئوتتۇرا ئوق ئوتتۇرىسىدا روشەن چېگرا بولمىغاچقا، بەزى كىشىلەر ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ئوتتۇرا ئوق دېگەن تېرمىننى قوللانماي <قاناللار ئوقى> دېگەن تېرمىننى قوللىنىش كېرەك دەپ قارايدۇ.
ماتېماتىكا
中轴
zhōng zhóuDئۆسۈملۈك
{腹菌}中轴
{fù jūn }zhōng zhóu zhōng zhóuDماشىنىسازلىق
中间轴
zhōng jiān zhóuDتەنتەربىيە
横轴
héng zhóuDتارىخ
中部
zhōng bù