UyghurMain Dictionary
ئومۇرتقا
بىئولوگىيە
<ئومۇرتقا سۆڭىكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى تۈزگۈچى بىرلىك. شەكلى ھەم ئۇرنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئادەتتە بويۇن ئومۇرتقىسى، كۆكرەك ئومۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسى، توققۇز كۆز ئومۇرتقىسى (قۇيۇمچاق ئومۇرتقىسى) ۋە قۇيرۇق ئومۇرتقىسىدىن ئىبارەت بەش خىلغا بۆلۈنىدۇ. بېلىقلاردا پەقەت بەدەن ئومۇرتقىسى بىلەن قۇيرۇق ئومۇرتقىسىلا بولىدۇ. قوش ماكانلىقلارنىڭ كۆكرەك ئومۇرتقىسى ۋە بەل ئومۇرتقىسىنىڭ روشەن پەرقى يوق بولۇپ، بىرلەشتۈرۈپ بەدەن (گەۋدە) ئومۇرتقىسى دېيىلىدۇ. بىر ئومۇرتقىنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئومۇرتقا تەنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دۈمبە تەرىپىدە ئومۇرتقا يايىنىڭ ئورىشىدىن شەكىللەنگەن ئومۇرتقا تۆشۈكى بولىدۇ. ئالدى - كەينى ئومۇرتقىلارنىڭ ئومۇرتقا تۆشۈكلىرى ئۆزئارا تۇتىشىپ ئومۇرتقا قانىلىنى ھاسىل قىلىدۇ، قانالدىن يۇلۇن ئۆتىدۇ. ئومۇرتقا يايى دۈمبە تەرەپنىڭ مەركىزىگە ئۇزىراپ ئومۇرتقا بېگىزىگە ئايلانغان. ئومۇرتقا تەنىسى قورساق تەرەپنىڭ ئىككى يېنىدا كۆندىلەڭ ئۆسۈكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلار مۇسكۇللارنىڭ يېپىشىش رولىنى ئوينايدۇ. ئومۇرتقا تەنچىسى ئۆزىنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ئىككى تەرەپتىن ئويمان ئومۇرتقا تەنچىسى (مەسىلەن، بېلىقلاردا) ئالدى ئويمان ئومۇرتقا تەنچىسى (مەسىلەن، قۇيرۇقسىز قوش ماكانلىقلار، يەر باغىرلىغۇچىلار قاتارلىقلاردا)، كەينى ئويمان ئومۇرتقا تەنچىسى (مەسىلەن، قۇيرۇقلۇق قوش ماكانلىقلاردا)، غەيرىي ئويمان ئومۇرتقا تەنچىسى (مەسىلەن، قۇشلاردا) ۋە ئويمانسىز ئومۇرتقا تەنچىسى (مەسىلەن ئادەم ۋە باشقا ئېمىتكۈچىلەردە) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
ئادەم ۋە ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلار دۈمبە قىسمىنىڭ ئاساسىي تىرىكى. ئادەمدە 33 تال ئومۇرتقا سۆڭىكى بولۇپ، خۇددى تۈۋرۈككە ئوخشاش تۇرىدۇ. ئارقا تەرىپىنىڭ مەركىزى ۋە ئوتتۇرىسىدا بىر نەيچىسى بولۇپ، ئومۇرتقا كانىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە يۇلۇن تۇرىدۇ.