UyghurMain Dictionary
ئومورتاگ
دۇنيا تارىخى
بۇلغارىيىنىڭ كىنەزى (815 - 831). كرۇمنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ۋېزانتىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغان ھەمدە ۋېزانتىيە ئىمپېراتورى مىخائېل Ⅱ ياردەملىشىپ، فوما قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن فرانكلار بىلەن پاننونىيىدە ئۇرۇشۇپ، سېربىيىنىڭ بىر قىسىم رايونىنى قوشۇۋالغان. مىلادى 821 - يىلى پرېسلاۋدا ئوردا سالدۇرۇپ، بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى ئىككىنچى پايتەختىنىڭ ئۇلىنى قۇرغان (بىرىنچى پايتەختى پلىسكا ئىدى).