Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئولمۇس كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
阿尔谬茨协定
ā ěr miù cí xié dìng
پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە گېرمانىيىنى بىرلىكە كەلتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش يولىدا ئىمزالىغان كېلىشىم. ئاۋسترىيە پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە قۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ كورۇل ئىتتىپاقىغا توسقۇنلۇق قىلغان ھەمدە 1850 - يىلى 5 - ئايدا مايىن دەرياسى بويىدىكى فرانكفورتتا گېرمانىيە شتاتلىرى ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، شتاتلار بىرلەشمىسى پارلامېنتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن. پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋىلھلىم Ⅳ ئۆزىنڭ گېرمانىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى قورال كۈچى بىلەن قوغداشنى قارار قىلىپ، ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغان. روسىيە بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ ئاۋسترىيىنى قوللىغان. روسىيىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا، 1850 - يىل 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پرۇسسىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى مانتېيفېل (1805 - 1882) بىلەن ئاۋسترىيە باش ۋەزىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شۋارسېنبېرگ ئولمۇستا كېلىشىم ئىزالىغان. كېلىشىمدە پرۇسسىيە ئۈچ كورۇل ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋېتىش، ئەسلىدىكى شتاتلار بىرلەشمىسى پارلامېنتىنى ئېتىراپ قىلىش بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە 1848 - يىلى ئىنقىلابنىڭ ھارپىسىدىكى سىياسىي ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن.