Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئولمېك مەدەنىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى奥尔密克文化
ào ěr mì kè wén huà
مېكسىكا قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ <شەكىللىنىش دەۋرى> (ياكى <ئالدىنقى كلاسسىك دەۋرى> دەپ ئاتىلىدۇ) دىكى بىر خىل ئاساسىي مەدەنىيەت. ئاساسەن مېكىسكا قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋېراكرۇز ئوبلاستىغا تارقالغان. ئولمېكنىڭ مەنىسى <كاۋچۇك يۇرتىدىكى كىشىلەر> دېگەنلىك بولۇپ، كېيىن ئازتىكلار بۇ رايوندىك مىللەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ شۇنداق ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، مەركەز قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ نامى قىلىنغان. ئولمېك مەدەنىيىتى مېكسىكا قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبى كېيىنكى ئەۋلادلارغا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. ساپال قاچىلارنىڭ تولىسىغا سىزىقچىلار نەقىش قىلىنغان. تاش قوراللار بىر قەدەر نەپىس ئىشلەنگەن. كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغىنى شۇكى، ھەر خىل تاش ئويما ۋە قاشتېشى ئويمىلاردىكى ئادەم رەسىملىرىدە يۈز شەكلى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ ئىشلەنگەن. تاباسكو شتاتىدىكى لاۋېنتادا ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر كېلىدىغان غايەت زور ئادەم بېشىنىڭ تاش ھەيكىلى تېپىلغان. ئەمما يوغان ئادەم بېشى تاش ھەيكەللىرى پەقەت دېڭىز قىرغىقىدىكى جايلارنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىلا بولۇپ، باشقا جايلاردا كىچىك ئادەم بېشى تاش ھەيكەللىرى تېپىلغان. بۇ مەدەنىيەت مېكسىكا قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ <شەكىللىنىش دەۋرى> دىن <كلاسسىك دەۋرى> گە تەرەققىي قىلىشنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅡⅩ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە توغرا كېلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.